تەبىئەت دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىزدىنىشلەردىن ئىبارەت بولۇپ، فىزىكا، خىمىيە ۋە بىيولوگىيە قاتارلىق بىلىملەرگە مۇناسىۋەتلىك ھادىسىلەر، پرېنسىپلار ۋە ئۇقۇملارنىڭ ئىشلىنىش ۋە تەدبىقلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. پەن بىلىملىرىدىن قولغا كەلتۈرگەن ئۇچۇرلار ئىنژېنىرلىقتىكى لايىھە جەريانىنى يېتەكلەيدۇ.
نەرسىلەرنىڭ يارىتىلىشى ۋە قوللىنىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئىنسان، تەشكىلات، ئۇچۇر، جەريان ۋە قوراللارنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىدىن تەركىب تاپىدۇ. ھازىرقى زامان تېخنولوگىيىيەسىنىڭ كۆپىنچىسى بىلىم ۋە ئىنژېنىرلىقنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، تېخنولوگىيەلىك قوراللار ھەر ئىككى ساھەدە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىنژېنىرلىق ھەم ئىنسانلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى لايىھەلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر جۇغلاش ھەمدە تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بولسا ۋاقىت، ئىقتىساد ۋە خام ماتېرىياللار چەكلىك بولغان شارائىتتا ئىجات قىلىش جەريانىدۇر.
ماتېماتىكا بولسا مىقدارلار، سانلار ۋە بوشلۇق ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم بولۇپ، ناھايىتى مۇنتىزىم مەنتىقىلىق باغلىنىش ئاساسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. ماتېماتىكا بولسا تەبىئەت دۇنياسىنى تەتقىق قىلىدىغان فىزىكا قاتارلىق پەنلەرنىڭ تىلىدۇر.
2020 – يىللىق قىشلىك تەتىللىك روبوت سىنىپلىرىغا تىزىملىتىش ئۈچۈن بۇ ئۇلىنىشى بېسىڭ.