كۇرسلىرىمىزغا تىزىملىتىڭ

ماتېماتىكا نەق مەيدان تور دەرسى

ماتېماتىكا نەق مەيدان تور دەرسى

بۇ دەرستە نېمىلەر سۆزلىنىدۇ؟

بۇ دەرستە لوگىكا (مەنتىقە)، توپلام نەزەرىيىسى، تەڭسىزلىكلەر، بىر نامەلۇملۇق ۋە ئىككى نامەلۇملۇق بىرىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەر ھەققىدىكى مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ.

دەرس كىملەرگە ماس كېلىدۇ؟

تولۇق ئوتتۇرىغا كىرىش ئالدىدىكى ياكى تولۇق ئوتتۇرىغا يېڭى كىرگەن ئوقۇغۇچىلارغا، ھەم شۇنداقلا يۇقىرىقى مەزمۇنلارنى ئالدىن ئۆگىنىش ئارزۇسىدىكى بالىلار ۋە ئۆگىنىپ بولغانلىرىنى پىششىقلاش ئارزۇسىدىكى چوڭلارغا ماس كېلىدۇ.

دەرس ۋاقىتلىرى:

2020 – يىلى 8 – ئاينىڭ 7 -كۈنىدىن 2020 – يىلى 9 – ئاينىڭ 7 – كۈنىگىچە
دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە
ئىستانبۇل ۋاقتى سائەت 11:00~12:00 ئارىلىقىدا توردا بولىدۇ.
ئوتتۇرا ياۋروپا يازلىق ۋاقتى سائەت 10:00~11:00 ئارىلىقىدا توردا بولىدۇ.

دەرس ھەققى ۋە ئۆتۈش شەكلى:

دەرس مەخسۇس يۇمشاق دېتالدا ئۆتۈلىدۇ، ھېچقانداق ئوقۇش پۇلى ئېلىنمايدۇ.

گۇرۇپپىمىز ھەققىدە:

كۆرۈپ تۇرغىنىڭىزلاردەك UyghurSTEM گۇرۇپپىمىزنىڭ ئىسمى تەبئىي پەن (Science)، ئىنژېنىرلىق (Engineering)، تېخنولوگىيە (Technology) ۋە ماتېماتىكا (Math) سۆزلىرىنىڭ باش ھەرپلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، گۇرۇپپىمىز تارمىقىدا «UyghurSTEM بوشلۇق تەتقىقات مەركىزى»، «UyghurSTEM كود ئىجادىيىتى»، «UyhgurSTEM روبوت ئىجادىيىتى»، «UyghurSTEM تەبئىي پەن»، «UyghurSTEM» ،«UyghurSTEM 3D سۈنئىي ئەقىل تەجرىبىخانىسى»، «UyghurSTEM ئېكرانى»، «UyghurSTEM تەسەۋۋۇر» قاتارلىق تارماق تۈرلىرى بار بولۇپ، داۋاملىق ھالدا، روبوت، تەبئىي پەن(فىزىكا، خېمىيە، بىيولوگىيە…)، ماتېماتىكا، كومپيۇتېر پروگرامما بىلىملىرى ھەققىدە بالىلارنى ئاساس قىلغان، چوڭلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دەرس ۋە پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپچىلىك ئۈچۈن بىلىم، تېخنىكا ئۆگىنىدىغان ۋە ئورتاقلىشىدىغان بىر سۇپا بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

تىزىملىتىش ئۇسۇلى:

مۇنۇ ئادرېستىن كىرىپ بەتنىڭ ئاستىدىكى تىزىملىتىش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز تىزىملىتىش جەدىۋىلى ئېچىلىدۇ، تەلەپ قىلىنغان مەزمۇنلارنى تولدۇرۇپ، «تىزىملىتىمەن» دېگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ، ئۇچۇرلىرىڭىز UyghurSTEM گۇرۇپپىسى سىرتىدا ھېچقانداق تەرەپ بىلەن ئورتاقلىشىلمايدۇ، تىزىملىتىش ئوڭۇشلۇق بولغاندىن كېيىن سىز تولدۇرغان ئې-خەت ئادرېسىغا بۇ دەرسكە تىزىملىتىش ئىلتىماسىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقى ھەققىدە ئې-خەت كېلىدۇ.

2020-يىللىق ياز پەسىللىك «كلاسسىك فىزىكىغا كىرىش» دەرسلىرى

2020-يىللىق ياز پەسىللىك «كلاسسىك فىزىكىغا كىرىش» دەرسلىرى

2020-يىللىق ياز پەسىللىك «كلاسسىك فىزىكىغا كىرىش» دەرسلىرى

فىزىكا دېگەن نېمە؟

فىزىكا گرېكچىدىكى تەبىئەت بىلىمى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان φύσις phýsis دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان. فىزىكىنىڭ نۇرغۈن ئېنىقلىمىسى بولۇپ، فىزىكا دېگىنىمىز ئالەمدىكى تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ۋە بۇ ھادىسىلەر ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا تەسىرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولغان قانۇنىيەتلەرنى ئەقىل ۋە مەنتىقىگە ئۇيغۇن ھالدا چۈشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان، ۋە بۇ چۈشەندۈرۈش جەريانىدا تەجرىبە ۋە ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل قوللىنىدىغان بىر تەبىئەت ئىلمى دەپ ئىزاھلاشقا بولىدۇ.

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا يولدا كېتىۋاتقان ۋېلىسپىتنىڭ پېدالىنى تەپسىڭىز يىقىلىپ كەتمەي ماڭالىشى، ماشىنا موتورىنىڭ ئىشلىشى، كىيىملىرىمىزنى تىكىۋاتقان ماشىنىنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىشى، سىز مۇشۇ خەتلەرنى ئېكرانىدىن ئوقۇۋاتقان تېلېفون ياكى كومپيۇتېر، رادىيو، كامېرا، ئىنتېرنېت، تۇرۇۋاتقان بىنا، ئېگىز قەۋەتتىكى ئۆيىڭىزگە كېلىۋاتقان سۇلار، ھەتتا ئۇرۇشلاردا ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەر، … مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە فىزىكىنىڭ تۆھپىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

17 – ئەسىردە ياشىغان ئەنگىلىيەلىك ئالىم نيۇتوننىڭ ئالەملىك تارتىش كۈچىنى بايقىشى، ئۆزىنىڭ ھەرىكەت قانۇنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە ماتېماتىكىلىق ئۇسۇللارنى فىزىكىغا ئېلىپ كىرىشى بىلەن فىزىكا باشقا بىر دۇنياغا قەدەم قويدى، بىز مۇشۇ قانۇنىيەتلەرگە ئاساسەن بىر جىسىمنىڭ مەلۇم پەيتتىكى ماسسىسى(تومتاق قىلىپ ئېغىرلىقى دەپ چۈشىنىپ تۇرساقمۇ بولىدۇ)، تېزلىكى ۋە ئورنى قاتارلىق بىر قانچە ئۇچۇرنى بىلەلىسەك خالىغان بىر ۋاقىتتا قەيەردە بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەرگەن راكېتالار، پىشقان مېۋىنىڭ يەرگە چۈشۈشى،… ھەممىسىنى مۇشۇ قانۇنلار بويىچە چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيمىز.

بۇ دەرس كىملەرگە ماس كېلىدۇ؟

فىزىكىنى يېڭى باشلىغان ياكى بىر قانچە مەۋسۈم ئوقۇغان تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ماس كېلىدۇ.

بۇ دەرستە نېمىلەر سۆزلىنىدۇ؟

فىزىكىلىق ئۇقۇملار، مىقدارلار، ۋېكتور، تۈز سىزىقلىق ۋە ئىككى ئۆلچەملىك ھەرىكەت، نيۇتون ھەرىكەت قانۇنلىرى، ئىش، ئېنېرگىيە، قۇۋۋۋەت ئۇقۇملىرى ئەمەلىي مىساللار ئاساسىدا جانلىق سۆزلىنىدۇ.

دەرس ۋاقىتلىرى:

2020 – يىلى 7 – ئاينىڭ 27 -كۈنىدىن 2020 – يىلى 8 – ئاينىڭ 27 – كۈنىگىچە
دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە
ئىستانبۇل ۋاقتى سائەت 10:00~11:00 ئارىلىقىدا توردا بولىدۇ.
ئوتتۇرا ياۋروپا يازلىق ۋاقتى سائەت 9:00~10:00 ئارىلىقىدا توردا بولىدۇ.