2021-يىللىق ياز پەسىللىك كومپيۇتېر پروگرامما تۈزۈش ۋە روبوت دەرسلىرى

2021-يىللىق ياز پەسللىك پروگرامما تىلى، روبوت دەرسلىرىگە قاتنىشىشقا ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلى

 

روبوتلار دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇشتىن ئىلگىرى …

ئاتا-ئانىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان 2021-يىللىق UyghurSTEM يازلىق (جەنۇبىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن قىشلىق) دەرس ۋە پائالىيەتلىرىمىز باشلاندى. بۇ قېتىملىق دەرسىمىزدە كومپيۇتېر پروگرامما تىللىرى ۋە روبوت دەرسلىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، دەرسنىڭ دەسلەپكى بۆلىكى توردا ھەم شۇنداقلا قىسمىي جەھەتتىن يۈزتۇرانە باشلىنىدۇ، قۇربان ھېيتتىن كېيىن دەرسلەر ئومۈميۈزلۈك يۈزتۇرانە بولىدۇ. 8~17 ياش ئارىسىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس جەدىۋىلىنى تولدۇرسا بولىدۇ. دەرس ھەقسىز بولۇپ، دەرسلەردىنمۇ سىرت تۈرلۈك ئېكسكۇرسىيە ۋە پائالىيەتلەر بولىدۇ، دەرس ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىگە قارىتا ھەرخىل سىنىپلارغا ئايرىلىدۇ، دەرسلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىستانبۇلدا ئالدىنقى يىللاردىكى پائالىيەتلىرىمىزنىڭ داۋامى بولغان 3-قېتىملىق تېخنىكا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. رەسمىي ئوقۇغۇچىلار دەرسكە ئىلتىماس قىلغان نامزاتلار ئارىسىدىن تاللاپ قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، تىزىملىتىش پەقەت ۋە پەقەت تور بېكىتىمىز ئارقىلىقلا بولىدۇ، تەپسىلىي ئۇچۇرلار ئۈچۈن تور بېكىتىمىزدىكى تىزىملىتىش بېتىگە قاراڭ.

  • ئەگەر ھازىرقى ھالىتىڭىزنى يېتەرلىك دەپ قارىمىسىڭىز،
  • «قانداق قىلسام تېخىمۇ ياخشى قىلالايمەن؟» دەپ كاللا قاتۇرىدىغان بىرى بولسىڭىز،
  • يازغان كودلىرىڭىز ۋە ياسىغان روبوتلىرىڭىز ئارقىلىق ياشاۋاتقان دۇنيانى ئىنسانىي قىممەتلەرگە تېخىمۇ تويۇنغان بىر پېلانت قىلىشقا بەل باغلىغان بولسىڭىز،
  • كۆزلىرىڭىز كائىناتنىڭ نەچچە مىليون يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى سىرلىق قاراڭغۇلۇقلىرىغا ئەجەبلەنگەن ھالدا تىكىلگەن بولسا،
  • تېلېفون ۋە كومپيۇتېر ئويۇنلىرىغا بېرىلىپ كېتىپ، خىيالىي دۇنياغا غەرق بولغان بىرى بولسىڭىز،
  • كۆرگەن كارتونلىرىڭىزدىكى ئوبرازلار مېڭىڭىزنى چۇلغىۋالسا،
  • ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى يېشىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشقا تەدبىقلاشنى ھاياتتىن ئالالايدىغان زوقلاردىن بىرى دەپ قارىيالىسىڭىز،
  • ھەتتا دەل ئەكسىچە ماتېماتىكا ياكى باشقا دەرسلىرىڭىزدىن زېرىكىپ كەتكەن بىرى بولسىڭىز،
  • ئۇنداقتا كېلىڭ، تور بېكىتىمىزگە كىرىپ ئىلتىماس جەدىۋىلىنى تولدۇرۇڭ.

بۇ قېتىملىق دەرس ۋە پائالىيەتلىرىمىزدە بىر كىشىلىك ئورۇننى مەخسۇس سىز ئۈچۈن ئايرىدۇق.

بىز غايىنىڭ خوتى بىلەن يەريۈزىنى تىلغاپ ئۆتكۈچىلەرمىز. بۈيۈك ئىرادىلەر بىلەن يولغا چىقتۇق، روبوت ۋە پروگرامما تىللىرى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۇيغۇر بالىلار ئارىسىدا بىر ئېقىم ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە، تەسسىس قىلىپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تەبئىي پەن دەرسلىرىمىز ئارقىلىق ئىلىم-پەن ھەۋەسكارلىرىنى كۆپەيتىشكە، تېخنىكا كۆرگەزمىلىرىمىز ئارقىلىق بالىلار ئۆزلىرىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىشكە تىرىشتۇق، دەرسلىرىمىزگە قاتناشقانلار ئىچىدە كومپيۇتېرغا بويى يەتمەيدىغان، چىشلىرى ئەمدى چۈشۈپ چىقىۋاتقان كىچىك بالىلاردىن تارتىپ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغىچە، بالىسىنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ دەرسكە قاتناشقان ئاپىلاردىن، ئاتا-ئانىمىزنىڭ يېشىدىكىلەرگىچە ئوقۇغۇچىلىرىمىز بولدى. پىنگىۋىنلارلا ياشايدىغان ئانتاركتىكا قىتئەسىدىن باشقا ھەممە قىتئەدىكى خېلى كۆپ دۆلەتلەردىن ئوقۇغۇچىلىرىمىز بولدى، ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۇيغۇر بالىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى، ئىستانبۇلدىكى تۈرك مەكتەپلىرى ۋە يەرلىك پۇقراۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن 50 ئەتراپىدا تۈرك ئوقۇغۇچىنى كومپيۇتېر پروگرامما تىللىرى ۋە روبوت بىلىملىرى بويىچە بىر قانچە ئاي پىدائىيلىق بىلەن تەربىيەلەپ بەردۇق، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ يۈكسىلىشىگە تۆھپە قوشىدىغان تايانچ كۈچ بولالايدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىشكە تىرىشتۇق.

ھازىرغىچە ئورۇنلاشتۇرغان ماتېماتىكا، فىزىكا ۋە بىيولوگىيە دەرسلىرىگە قاتناشقۇچىلارنى ھېسابقا ئالماي تۇرۇپ، پەقەت كومپيۇتېر پروگرامما تىللىرى ۋە روبوت دەرسلىرىنىلا ھېسابقا ئالساق، 2019-يىلى قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە 350 كە يېقىن ئوقۇغۇچى كومپيۇتېر پروگرامما تىللىرى ۋە روبوت دەرسلىرىمىزگە قاتناشقان بولۇپ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس داۋامىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغان كودلىرىنىڭ ئومۇمىي قۇر سانى بىر مىليون 485 مىڭ قۇر (بۇ قۇرلار بۆلەك ئاساسىدىكى پروگرامما تىللىرى ۋە C تىلى كودلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان) بولۇپ، روبوت دەرسلىرىدە ئوقۇغۇچىلار ئىشلەتكەن مىس سىملارنىڭ ئومۇمىي ئوزۇنلۇقى 145 مىڭ سانتىمېتردىن ئاشىدۇ (بۇ سان يىراقتىن داۋاملاشقان دەرسلىرىمىزدە تەقدلىدلەش يۇمشاق دېتاللىرى ئارقىلىق تەقلىدلىگەن توك يولى خەرىتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).

بىز UyghurSTEM بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سىلەرگە سۇنغان خىزمەتلىرىمىزنىڭ سۈپىتىگە مۇمكىنقەدەر يۇقىرى ئۆلچەم قويۇپ كەلدۇق. «قىلىش» دېگەن سۆزنىڭ ئوڭ تەرىپىدە «سۈپەتلىك» دېگەن سۆزنىڭ ھەرۋاقىت مەۋجۇت بولۇشىنى ئۆزىمىزگە قويغان نېگىزلىك تەلەپ سۈپىتىدە قاراشنى داۋاملاشتۇردۇق. دوستلارنىڭ بىلگىنىدەك بىز قىلىۋاتقان ئىشىمىزنى ياخشى كۆرگۈچىلەرمىز. تۇنجى قەدەمنى ئالغاندىن باشلاپلا ئۆزىمىزدە بار بولغان يۈكسەك قىزغىنلىق، قىلىۋاتقان ئىشىمىزغا بولغان چوڭقۇر ئىشتىياق، يۇقىرى ئېنېرگىيە، ئىخلاسمەنلىك ۋە پىدائىيلىق روھىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز ۋە يەنە ئوخشاش داۋام قىلىمىز. ياخشى تەرەپكە يۈزلەنگەن بىر ئۆزگىرىشنىڭ زەنجىرسىمان تەسىر يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بارلىق ئىشلىرىمىزدا سۈپەتلىك قىلىش ئىرادىمىزنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشىمىز.

كېلىڭ، كىچىككىنە ئۆزگىرىش ئارقىلىق زەنجىرسىمان بىر ئۆزگىرىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرايلى.

ئالاقىلەشكۈچى: مەمتىمىن

ئالاقە تېلېفونى:+90 553 592 60 91

WhatsApp:+90 553 592 60 91

 


 

2021-يىللىق ياز پەسللىك پروگرامما تىلى، روبوت دەرسلىرىگە قاتنىشىشقا ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلى

 

تاللىنىش ئېھتىماللىقىڭىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن جەدىۋەلنى ئەستايىدىل ۋە توغرا تولدۇرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
تۆۋەندىكى جەدىۋەلنى ئەستايىدىل تولدۇرغاندىن كېيىن ئاپتوماتىك بىر پارچە ئې-خەت تاپشۇرۇۋالسىىز، ئەگەر تاللىنىپ قالسىڭىز دەرسكە قاتنىشىش ئۇسۇلى ھەققىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئىككىنچى قېتىملىق ئې-خەت ئۇقتۇرۇشى ئارقىلىق تاپشۇرۇۋالىسىز.

 

ئەسكەرتىش: دەرس ھەقسىز بولىدۇ، يۈزتۇرانە دەرسكە قاتناشىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىككىنچى ھەپتىسىدىن باشلاپ روبوتلىرىنى ياساشقا باشلايدۇ، روبوتلىرىنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان كېرەكلىك زاپچاسلارنىڭ باھاسى تەخمىنەن 350 لىرا ئەتراپىدا بولۇپ، دەرستە ئۆتۈلىدىغان مەزمۇنلارغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارغا سۇنۇلغان تىزىملىكتىكى (بۇ تىزىملىك دەرسكە تاللانغان ئوقۇغۇچىلارغا تۇنجى ھەپتىسى سۇنۇلىدۇ) زاپچاسلارنى ئۆزلىرى سېتىۋالسىمۇ ياكى ساۋاقداشلىرى بىلەن ئوپچە سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ.

 

2022-يىللىق ياز پەسللىك پروگرامما تىلى، روبوت دەرسلىرىگە تىزىملىتىش جەدىۋىلى kona

تۆۋەندىكى بۆلەكتىكى تەلەپ قىلىنغان ئۇچۇرلارنى نامزات ئوقۇغۇچىنىڭ ھامىيسى تولدۇرىدۇ.

سىز بىلەن ئالاقىلىشەلىشىمىز ئۈچۈن تېلېفون نومۇرىڭىزنى توغرا يېزىڭ
سىز بىلەن ئالاقىلىشەلىشىمىز ئۈچۈن تېلېفون نومۇرىڭىزنى توغرا يېزىڭ
دەرس ۋە تاپشۇرۇقلاردا ئالاقىلىشىمىز ئۈچۈن دائىم ئىشلىتىدىغان بىر ئې-خەت ئادرېسىنى يېزىڭ
كومپيۇتېردا قىلالايدىغان ئىشلىرىڭىز: *
ئۆيىڭىزدە كومپيۇتېر بارمۇ؟ *
ئىنتېرنېتقا قانداق ئۇلىنىسىز؟ *
تۆۋەندىكىلەردىن قايسى تىللارنى بىلىسىز؟ *

تۆۋەندىكى كېلىشىمنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىڭ

  1. دەرس يۈزتۇرانە بولۇپ، ئىستانبۇل فاتىھ رايونىنىڭ Çapa مەھەللىسىدە بولىدۇ، كومپيۇتېرنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەييارلايدۇ.
  2. ئاتا-ئانىلار ھەرجەھەتتىن ماسلىشىپ بېرىشى، ئەۋەتىلگەن ئۇقتۇرۇش ۋە ئۇچۇرلارغا ۋاقتى-ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.
  3. دەرس ھەقسىز بولۇپ، دەرستە ئىشلىتىدىغان ماتېرىيال ۋە زاپچاسلارنىڭ پۇلى 1100 لىرا، ئاتا-ئانىلار ئۈستىگە ئالىدىغان بۇ ماتېرىيال ۋە زاپچاس چىقىملىرىنى مۇمكىنقەدەر ئازايتىشقا تىرىشتۇق، (بەزى ئوقۇغۇچىلاردا دەرستە ئىشلىتىدىغان ماتېرىيال ۋە زاپچاسلارنىڭ بىرقىسىمى بار بولۇپ، كەم قىسىمىنى ئۆزلىرى تولۇقلىسا ياكى بىزنىڭ تولۇقلاپ بېرىشىمىزگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ)
  4. ھەركۈنلۈك دەرستىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار دەرستە ئۆگەنگەنلىرىدىن خاتىرە قالدۇرۇپ، ئاتا-ئانىسىغا ئىمزالىتىدۇ.
  5. ئوقۇغۇچىلار دەرسكە كېچىكمەسلىكى، رۇخسەت قىلمىغان ئەھۋالدا ئويۇن ئوينىماسلىقى، دەرسخانا ئىنتىزامىغا بويسۇنۇشى، دەرس كەيىپىياتىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەك
  6. دەرس باشلاشتىن بۇرۇن ۋە دەرس جەرياندا ئوقۇغۇچىلارغا زاپچاسلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇللىرى ۋە بىخەتەرلىك قائىدىلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار بۇ بىخەتەرلىك قائىدىلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك.
  7. يۇقىرىدا يازمىچە كۆرسىتىلگەن ۋە دەرس جەريانىدا ئەسكەرتكەن تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى چېكىندۈرۈش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىمىز.
يۇقىرىقى كېلىشىمگە قوشۇلامسىز؟ *

تۆۋەندىكى بۆلەكتە تەلەپ قىلىنغان ئۇچۇرلارنى دەرسكە قاتنىشىدىغان پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن تولدۇرىسىز

بالىڭىزنىڭ ئوقۇۋاتقان مەكتىپى *
بالىڭىزنىڭ ئۇيغۇرچە سەۋىيەسى *
بالىڭىز تۆۋەندىكىلەردىن قايسىلىرىنى ئاز دېگەندە باشلانغۇچ سەۋىيەدە بىلىدۇ؟ *
قايسى سەۋىيەدىكى دەرسلەردىن باشلاپ قاتنىشىسىز؟ *
ئوتتۇرا سەۋىيەدىكىلەر تور دەرسىگە قاتناشماي، بىۋاستە يۈزتۇرانە دەرستىن باشلاپ قاتناشسا بولىدۇ.
پەرزەنتىڭىز بۇرۇنقى دەرسلىرىمىزگە قاتنىشىپ باقتىمۇ؟ *
بۇ ئېلاندىن قانداق خەۋەردار بولدىڭىز؟
سورايدىغان سوئاللار بولسا بۇ يەرگە يېزىپ قويسڭىز بولىدۇ.

جەدىۋەلنى ئەستايىدىل تولدۇرغاندىن كېيىن، يېڭى بەتكە ئالمىشىپ ئىلتىماسىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقى ھەققىدىكى يېشىل رەڭلىك ئەسكەرتمە ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ، تىزىملاتقان ئې-خەت ئادرېسىڭىزغا تەپسىلىي يېزىلغان بىر پارچە ئۇچۇر ئەۋەتىلىدۇ