ياۋروپا ئىتتىپاقى كود ھەپتىسى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كود ھەپتىسى پائالىيىتىگە قاتنىشىڭ

ياۋروپا ئىتتىپاقى كود ھەپتىسى – كود يېزىش ۋە رەقەملىك ساۋاتلارنى قىزىقارلىق ۋە جەلپ قىلارلىق ھالەتتە ھەممەيلەنگە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان ئومۇمىي پائالىيەت بولۇپ، UyghurSTEM سۈپىتىدە بىزمۇ بۇنىڭغا ئاۋاز قوشتۇق. پائالىيەت ئىككى سائەت داۋاملىشىدۇ. 7-12 ياش ئەتراپىدىكى بالىلار قاتناشسا بولىدۇ، بالىلاردىن ئىلگىرى كود يېزىپ باققان بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. دەرس خاراكتېرلىك بۇ پائالىيىتىمىز Google Meet ئارقىلىق بولىدۇ، كىرىش ئۇلانمىسىنى پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن تاپشۇرۇۋالالايسىز.

شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمىزكى، رەقەملىك دەۋردىكى ھەر بىر كىشى كود يېزىشنى چۈشىنىشى ۋە شۇنداقلا ھېسابلاش تەپەككۇرىنىڭ مۇھىم پارچىلىرىدىن بولغان مەسىلە ھەل قىلىش، ھەمكارلىق ۋە ئانالىتىك ئويلاش ئىقتىدارىغا ئوخشاش ھالقىلىق قابىلىيەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى زۆرۈر.

بۇ پائالىيەت ئاخىرلاشتى

يېڭى دەرس: 2026-يىللىق UyghurSTEM (شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن) قىش تەتىللىك تەربىيەلەش پروگراممىمىسى

يېڭى دەرس: 2026-يىللىق UyghurSTEM (شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن) قىشلىق تەتىللىك تەربىيەلەش پروگراممىمىسى

دەرس باشلاش ۋاقتى: 2026-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى

دەرسلەر توردا ۋە يۈزتۇرانە بولىدۇ،

يۈزتۇرانە دەرسلەر ھەقسىز بولىدۇ.

توردىكى دەرسكە قاتنىشىدىغان بالىلار نۆل سەۋىيەلىك ياكى يۇقىرى سەۋىيەلىك سىنىپلاردىن بىرىنى تاللاپ قاتناشسا بولىدۇ.

يۈزتۇرانە دەرسلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەن 50 سائەتلىك خالىغان بىر (Scratch, Python, C/C++, Java, JavaScript,..) پروگرامما تىلى دەرسىگە قاتنىشىپ باققان بولۇشىڭىز كېرەك

50 سائەتنى ھېسابلاش ئۇسۇلى: ئەگەر ھەپتىدە بىر قېتىم ۋە بىر سائەت ئۆتۈلىدىغان پروگرامما تىلى دەرسىگە قاتناشقان بولسىڭىزئاز دېگەندە ئۇدا بىر يىل تولۇق قاتناشقان بولۇشىڭىز كېرەك، ئەگەر ھەپتىدە ئىككى سائەت ئۆتۈلىدىغان دەرسكە قاتناشقان بولسىڭىز ئاز دېگەند ە ئالتە ئاي تولۇق قاتناشقان تەجرىبىڭىز بولۇشى كېرەك، ئەگەر ھەپتىدە 10 سائەت ئۆتۈلىدىغان دەرسكە قاتنىشىپ باققان بولسىڭىز، ئاز دېگەندە بەش ھەپتىلىك دەرسكە تولۇق قاتناشقان بولۇشىڭىز كېرەك.
«2026-يىللىق UyghurSTEM (شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن) قىشلىق تەتىللىك تەربىيەلەش پروگراممىمىسى» ناملىق دەرسىمىزگە قاتنىشىشنى خالىسىڭىزبۇ يەرگە بېسىپ تىزىملىتىڭ.