پەرزەنتىڭىز بىلەن بىللە پىروگرامما تىلى ئۆگىنىشنى خالامسىز؟

ئاتا-ئانىلارغا قارىتىلغان كومپيۇتېر پىروگراممىسى تۈزۈش دەرسى

پەرزەنتىڭىز بىلەن بىللە پىروگرامما تىلى ئۆگىنىشنى خالامسىز؟

 

كومپيۇتېر پىروگراممىسى تۈزۈش ياكى پروگراممىلاش بولسا كومپيۇتېر چۈشىنىەلەيدىغان تىللاردىن پايدىلىنىپ، مەلۇم بىر ئىشنى كومپيۇتېرغا ئورۇندىغۇزىدىغان ئىجادىي جەريان بولۇپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ھۆكۈمران بولۇۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا كومپيۇتېر پىروگراممىسى تۈزۈشنى بىلىش ھازىرقى زامان كىشلىرىدىن تەلەپ قىلىنىدىغان ئەقەللىي قابىلىيەتلەردىن بىرى بولۇپ قالغىلى تۇردى. مەيلى دۇنيادىكى تىرىليون دوللارلىق شىركەتلەر كۇلۇبىغا كىرگەن ياكى شۇ يولغا قاراپ كېتىۋاتقان شىركەتلەر بولسۇن، مەيلى دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مىلياردېرلار بولسۇن ياكى ئامېرىكىدىكى نىسبەتەن يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتلەر بولسۇن ھەممىسى كومپيۇتېرغا ئالاقىدار بولۇپ، كومپيۇتېر تىللىرى بىلەن قانچە بالدۇر ئۇچرىشىش، قانچە كۆپ تەرەققىي قىلىش كەلگۈسىمىز ئۈچۈن شۇنچە كۆپ پايدىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

كومپيۇتېر پىروگراممىسى تۈزۈش يۈكسەك دەرىجىدە لوگىكىلىق تەپەككۇرغا تايىنىدىغانلىقتىن، كومپيۇتېر پىروگراممىسى تۈزۈشنى ئۆگىنىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان بالىلارنىڭ لوگىكىلىق پىكىر قىلىش قابىيلىتىمۇ تېز تەرەققىي قىلىدۇ. بۇ قېتىم ئىلگىرىكى دەرسلىرىمىزدىن پەرقلىق ھالدا ئاتا-ئانىلارنىمۇ نىشان قىلىپ تۇرۇپ ئاتا-ئانىلارغا قارىتىلغان پروگرامما تۈزۈش دەرسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. دەرس ئويۇن خاراكتېرلىك بولۇپ، بۆلەك ئاساسىدىكى پىروگرامما (block-based programming) تىللىرى ئاساس قىلىنىپ، قاتناشقۇچىلارغا كومپيۇتېر پىروگراممىسى تۈزۈشتىكى شەرتلىك جۈملىلەر (conditional statements)، دەۋرىيلىك(loop)، ئۆزگەرگۈچى(variable) قاتارلىق ئابستراكت ئۇقۇملار خۇددى lego ئويۇنچۇقلىرىنى تىزغاندەك ئوبرازلىق شەكىلدە ئۆگىتىلىدۇ. دەرستە بىر قانچە ئويۇن پىروجېكتى ئىشلىنىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى پىروگرامما تۈزۈش دەرسى يەنە كېيىن باشلىنىدىغان روبوت دەرسىمىزنىڭ ئاساسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قاتنىشىشنى خالايدىغان ئاتا-ئانىلار 5~17 ياش ئارىسىدىكى بالىلىرى بىلەن بىللە ئويۇن ئوينىغاچ ئۆگەنسە بولىدۇ. دەرس توردا نەق مەيدان شەكلىدە بولىدۇ، دەرس تۈگىگەندىن كېيىن ئىختىيار قىلغانلار ياش گۇرۇپپىسى بويىچە تەشكىللىنىپ توردا بىر مۇسابىقە (كۆرگەزمە) ئۇيۇشتۇرىلىدۇ.

 

دەرس باشلاش ۋاقتى: 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى، شەنبە
ئوقۇش ھەققى: ھەقسىز
دەرس شەكلى: توردا
دەرس ئوبيېكتى: ئاتا-ئانىلار

ئاتا-ئانىلارغا قارىتىلغان كومپيۇتېر پىروگراممىسى تۈزۈش دەرسىگە تىزىملىتىش جەدۋىلى

 

ئىلتىماس ۋاقتى ئاخىرلاشتى، قىزىققىنىڭىزغا رەھمەت