ئابدۇللاھنىڭ Python پروگرامما تىلى دەرسى

ئابدۇللاھنىڭ Python پروگرامما تىلى دەرسى

بۇ دەرستە نېمىلەر ئۆگىتىلدۇ؟
بۇ دەرستە Python پروگرامما تىلىدىكى ئاساسى بىلىملەر ئەمەلىي پروجېكتلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سۆزلىنىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار تىلدىن باشقا يەنە ھەرقانداق يۇمشاق دېتال ئ‍ىجادىيىتى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئانالىتىك ئويلاش ۋە ئالگورىزم (پروگرامما تىللىرىدىكى مەلۇم مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇن ئۈچۈن ئۈچۈن پروگرامما تىللىرىنىڭ قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا ئېنتايىن ئېنىق تەرتىپلەر بىلەن لايىھىلەنگەن قەدەم-باسقۇچلار) يېزىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرەلەيدۇ.

نېمىشقا Python پروگرامما تىلى سۆزلىنىدۇ؟
قوللىنىشقا ئەپلىكلىكى، كېڭەيتىلىشچانلىقى، ھەقسىز ۋە ئوچۇق كودلۇق بولۇشى، بىز ھەركۈنى ئ‍شلىتىۋاتقان Google, YouTube, Spotify, Netflix, Instagram, Facebook،… قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ بۇ تىلنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇشى ۋە شۇنداقلا بۇ تىلغا تۆھپە قوشىدىغان يۇمشاق دېتال ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ توختاۋسىز ئەمگىكى نەتىجىسىدە Python پروگرامما تىلى سۈنئىي ئەقىل ۋە ماشىنا ئۆگىنىشى، ئىستاتىستىكا، روبوت، بۇلۇت ھېسابلاش، ئۈستەليۈزى ۋە تور قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللىرى،… ساھەسىدىكى ئىشلىتىلىشى تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان كومپيۇتېر پروگرامما تىللىرى رەت تەرتىپلىرىدە ئاساسەن 1-ئورۇننى ئىگەللەپ كېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ روبوت ۋە باشقا پروجېكتلىرىمىزدىمۇ بۇ تىل ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ بالىلىرىمىز بۇ تىلنى ياخشى ئۆگىنىش ئارقىلىق كەلگۈسىگە تېخىمۇ ياخشى تەييارلىنالايدۇ.

دەرس ۋاقتى ۋە باشقا ئ‍ۇچۇرلار:

  • باشلاش ۋاقتى: 2023-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
  • ياش چەكلىمىسى: 8 ياشتىن چوڭ 14 ياشتىن كىچىكلەر
  • پروگرامما تىلى تەجرىبىسى: خالىغان پروگرامما تىلىدا ئەڭ ئاز 50 سائەت دەرس ئالغان بولۇش كېرەك
  • دەرس كۈنى: ھەر پەيشەنبە ئىستانبۇل ۋاقتى 21:30-20:00
  • دەرس شەكلى: توردا
  • ئوقۇش پۇلى: ھەقسىز

ئالاقە تېلېفونى:+90 553 592 60 91

WhatsApp:+90 553 592 60 91

قىزىققىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت، قوبۇل قىلىدىغان سان توشتى.

يېڭى دەرس: 2026-يىللىق UyghurSTEM (شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن) قىش تەتىللىك تەربىيەلەش پروگراممىمىسى

يېڭى دەرس: 2026-يىللىق UyghurSTEM (شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن) قىشلىق تەتىللىك تەربىيەلەش پروگراممىمىسى

دەرس باشلاش ۋاقتى: 2026-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى

دەرسلەر توردا ۋە يۈزتۇرانە بولىدۇ،

يۈزتۇرانە دەرسلەر ھەقسىز بولىدۇ.

توردىكى دەرسكە قاتنىشىدىغان بالىلار نۆل سەۋىيەلىك ياكى يۇقىرى سەۋىيەلىك سىنىپلاردىن بىرىنى تاللاپ قاتناشسا بولىدۇ.

يۈزتۇرانە دەرسلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەن 50 سائەتلىك خالىغان بىر (Scratch, Python, C/C++, Java, JavaScript,..) پروگرامما تىلى دەرسىگە قاتنىشىپ باققان بولۇشىڭىز كېرەك

50 سائەتنى ھېسابلاش ئۇسۇلى: ئەگەر ھەپتىدە بىر قېتىم ۋە بىر سائەت ئۆتۈلىدىغان پروگرامما تىلى دەرسىگە قاتناشقان بولسىڭىزئاز دېگەندە ئۇدا بىر يىل تولۇق قاتناشقان بولۇشىڭىز كېرەك، ئەگەر ھەپتىدە ئىككى سائەت ئۆتۈلىدىغان دەرسكە قاتناشقان بولسىڭىز ئاز دېگەند ە ئالتە ئاي تولۇق قاتناشقان تەجرىبىڭىز بولۇشى كېرەك، ئەگەر ھەپتىدە 10 سائەت ئۆتۈلىدىغان دەرسكە قاتنىشىپ باققان بولسىڭىز، ئاز دېگەندە بەش ھەپتىلىك دەرسكە تولۇق قاتناشقان بولۇشىڭىز كېرەك.
«2026-يىللىق UyghurSTEM (شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن) قىشلىق تەتىللىك تەربىيەلەش پروگراممىمىسى» ناملىق دەرسىمىزگە قاتنىشىشنى خالىسىڭىزبۇ يەرگە بېسىپ تىزىملىتىڭ.