2023-يىللىق UyghurSTEM (شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن) يازلىق تەتىللىك تەربىيەلەش پروگراممىمىسى

2023-يىللىق UyghurSTEM (شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن) يازلىق تەتىللىك تەربىيەلەش پروگراممىمىزغا قاتنىشىشقا ئىلتىماس قىلىڭ

2023-يىللىق UyghurSTEM (شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن) يازلىق تەتىللىك تەربىيەلەش پروگراممىمىزغا قاتنىشىشقا ئىلتىماس قىلىڭ

 

روبوتلار ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ئەتراپىدىن (ياكى تاشقى دۇنيادىن) كەلگەن ئۇچۇرلارنى ھەرخىل سېنزورلىرى (سەزگۈچلىرى) ئارقىلىق قوبۇل قىلىپ (بايقاپ)، ئاندىن بۇ ئۇچۇرغا نىسبەتەن مۇۋاپىق پىلانلاش(ياكى قارار قىلىش مېخانىزىمى) ئارقىلىق، مەلۇم ئىش-ھەرىكەتنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان قۇرۇلما (ياكى مېخانىزىم) بولۇپ، تەربىيەلەش پروگراممىمىزدا ئوقۇغۇچىلار بىر روبوتنى ياساش ئۈچۈن قانداق ئويلاپ، قانداق پىلانلاپ، قانداق لايىھەلەپ، پروگراممىسى ئۈچۈن قانداق تەپەككۇر قىلىپ ۋە قايسى تىلدا قانداق يېزىپ، قايسى ئېلېكترونلۇق ۋە مېخانىكىلىق جەريانلار ئارقىلىق پۈتتۈرىدىغانلىنى ئەمەلىي پروجېكتلار ئارقىلىق ئەمەلىي باشتىن كەچۈرۈپ ئۆگىنىدۇ.

تەربىيەلەش پروگراممىمىز Bootcamp خاراكتېرلىك بولۇپ، Bootcamp ئەسلىدە ئەسكەرلەرنىڭ ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كېرەكلىك ماھارەتلەر بويىچە قىيىن ۋە قاتتىق شارائىتلاردا مەشقلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كەسپىي قابىليىتىنى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان تەربىيەلەشلەرگە بېرىلىدىغان ئىسىم بولۇپ، ھازىر بۇ خىل تەربىيەلەش ئۇسۇلىنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسى باشقا ساھەلەرگىمۇ كېڭىيىپ، مۇناسىۋەتلىك ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ زۆرۈر بولغان ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرۈشى مەقسەت قىلىنغان تەربىيەلەش پروگراممىلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. بىزمۇ يىللاردىن بۇيان توپلىغان تەجرىبىلىرىمىز ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا تەربىيەلەپ كېلىۋاتىمىز.

ۋىدىيو چۈشەندۈرۈشى: UyghurSTEM ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس ۋە پائالىيەتلىرىدىن بەزى كۆرۈنۈشلەر

جاۋاب: شۇنداق، تەربىيەلەش پروگراممىسىنىڭ 1-باسقۇچىدىن باشلاپ 6-باسقۇچ ئاخىرلاشقۇچە توردا داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار بۇ باسقۇچتىكى دەرسلەرگە ئۆيىدە تۇرۇپلا قاتنىشالايدۇ، تەربىيەلەش پروگراممىسى ۋاقىت جەھەتتىن تۈركىيە، ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتنىشالىشىنى كۆزدە تۇتۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

جاۋاب: ئىجتىمائىي بۇرچ سۈپىتىدە بۈيۈك ئىرادىلەر بىلەن ئاتلانغان سەپىرىمىزدە، روبوت ۋە پروگرامما تىللىرى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۇيغۇر بالىلار ئارىسىدا بىر ئېقىم ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە، تەسسىس قىلىپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تەبئىي پەن دەرسلىرىمىز ئارقىلىق ئىلىم-پەن ھەۋەسكارلىرىنى كۆپەيتىشكە، تېخنىكا كۆرگەزمىلىرىمىز ئارقىلىق بالىلار ئۆزلىرىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىشكە تىرىشتۇق، دەرسلىرىمىزگە قاتناشقانلار ئىچىدە كومپيۇتېرغا بويى يەتمەيدىغان، چىشلىرى ئەمدى چۈشۈپ چىقىۋاتقان كىچىك بالىلاردىن تارتىپ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغىچە، بالىسىنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ دەرسكە قاتناشقان ئاپىلاردىن، ئاتا-ئانىمىزنىڭ يېشىدىكىلەرگىچە ئوقۇغۇچىلىرىمىز بولدى. ھازىرچە پىنگىۋىنلار ياشايدىغان ئانتاركتىكا قىتئەسىدىن تېخى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ باققاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ھەممە قىتئەدىكى ئۇيغۇر بالىلارنى ئاساس قىلغان كۈچلۈك چەمبىرىكىمىز بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك بىر ئۆگىنىش ۋە ئىلگىرىلەش مۇھىتىنى يارىتىپ بېرىشكە تىرىشتۇق.

بۇنداق قۇتلۇق بىر ئىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا باشلامچى بولۇش شەرىپىنىڭ بىزگە نىسىپ بولغانلىقى بىر تەرەپتىن بىزنى پەخىرلەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن زىممىزدىكى يۈكنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى ۋە باسىدىغان قەدەملەرنىڭ كۆپلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرىدۇ. 2019-يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان بارلىق دەرسلىرىمىزنى پۈتۈنلەي ھەقسىز ھالدا داۋاملاشتۇرۇپ نەچچە يۈزلىگەن ئوقۇغۇچىنى STEM (تەبىئىي پەن، تېخنولوگىيە، ئىنژېنېرلىق ۋە ماتېماتىكا) ساھەلىرىدە تەربىيەلىدۇق، دەرسلىرىمىز داۋامىدا نەچچە مىليون قۇر پروگرامما كودې يېزىلدى، دەرس ۋە پروجېكتلىرىمىز جەريانىدا ئىشلىتىلگەن توك سىملىرىنىڭ ئۆزىلا نەچچە يۈز مىڭ سانتېمېردىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ جەريانلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز بولۇش بىلەن بىرگە يەنە سىرتتىن ھېچقانداق ئىقتىسادىي قوللاش چاقىرىقىدىمۇ بۇلۇنمىدۇق ۋە ۋە بۇ خىل قوللاش تەكلپىلىرىنىمۇ رەت قىلىپ كەلدۇق. ئاجايىپ قىزغىنلىق بىلەن باشلىغان بۇ قۇتلۇق سەپىرىمىزدە ئىز باسارلىرىمىزنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ھەر يىلى تېخىنولوگىيە فېستىۋاللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلىلەر ئارىسىدا تېخنولوگىيەگە بولغان قىزىقىش ۋە تونۇشنىڭ ئۆسۈشىگە ۋە تۈرتكە بولۇپ كەلدۇق، ئوقۇغۇچىلىرىمىز ھەر خىل مۇسابىقىلەردە بىرىنچىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ۋە شەرەپلەرگە نائىل بولۇپ بىزنى ئىپتىخارلاندۇردى، ئىشلەۋاتقان پروجېكتلارنىڭ سانى، سۈپىتى ۋە قىيىنلىق سەۋىيەسىمۇ يىلدىن يىلغا ئېشىپ ماڭدى، جۈملىدىن بۇ ۋە كېلەر يىللىق پروجېكتلرىمىزدىمۇ زور ئۆزگىرىش بولىدىغان بولىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يۈزتۇرانە دەرسلىرىمىزنى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش پۈتۈنلەي ھەقسىز داۋاملاشتۇرۇپ، توردىكى دەرسلىرىمىزنى قىسمەن ھەقلىق قىلىپ سىناپ بېقىشنى قارار قىلدۇق، بۇ سىناقمۇ ئىنتايىن چەكلىك دائىرىدە ۋە كىچىك ئۆلچەمدە بولۇپ، ئەگەر سىز ھەقىقەتەن كەلگۈسى تالانتى بار ۋە مەسئۇلىيەتچان بىر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلىيالىسىڭىز تەربىيەلەش پروگراممىزدىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش پۈتۈنلەي ھەقسىز بەھرىمەن بولالايسىز.

  1. باسقۇچ: ئوقۇغۇچىلار بۆلەك ئاساسىدىكى پروگرامما لايىھەلەش (block-based programming) تىللىرىنى ئىشلىتىپ كومپيۇتېردا پروگرامما يېزىش ھەققىدە ئەڭ دەسلەپكى ئۇقۇمغا ئىگە قىلىنىدۇ، دەرسنىڭ بۇ باسقۇچى ئويۇن خاراكتېرلىك داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار بۇ جەرياندا كومپيۇتېر پىروگراممىسى تۈزۈشتىكى ئەڭ نىگىزلىك ئۇقۇملاردىن شەرتلىك جۈملىلەر (conditional statements)، دەۋرىيلىك(loop)، ئۆزگەرگۈچى(variable)، فۇنكسىيە قاتارلىقلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىدۇ.
  2. باسقۇچ: تەربىيەلەش پروگراممىزنىڭ كېيىنكى باسقۇچىلىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار مەلۇم سەۋىيەسىدە ئالگېبرا ۋە گېيومېتېرىيە بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولۇشى ۋە شۇنداقلا كومپيۇتېر پروگراممىلىرىنى يېزىش ياكى روبوتلارنى ياساش جەريانىدا بۇ بىلىملەرنى جەريانىدا ئەمەلىيەتكە تەدبىقلىيالايدىغان بولۇشى شەرت بولۇپ، ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئەگەر مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى مەكتەپتە ئۆگىنىپ بولغان بولسا بۇ باسقۇچتا تېخىمۇ تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشىگە، ئەگەر تېخى ئۆگەنمىگەن بولسا مەكتەپلىرىدىكى دەرس مەزمۇنلىرىنى ئۆز تەڭتۇشلىرىدىن بۇرۇن تېز سۈرئەتتە ئالدىنئالا ئۆگىنىپ بولۇشىغا ۋە شۇ ئارقىلىق مەكتەپتىكى نەتىجىسىنىڭمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ۋە شۇنداقلا ئانالىتىك ئويلاش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىغا پايدىسى بولىدۇ.
  3. باسقۇچ: ئوقۇغۇچىلار تەربىيەلەش پروگراممىسىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرىنى لاياقەتلىك تاماملىيالىشى ئۈچۈن كومپيۇتېر ئىشلىتىشكە ئالاقىدار بەزى ئاساسىي بىلىملەرنى ئۆگىنىدۇ.
  4. باسقۇچ: ئوقۇغۇچىلار ئۈچ ئۆلچەملىك لايىھەلەش توغرىلىق ئەڭ دەسلەپكى ساۋاتقا ئىگە قىلىنىپ، ئۆزى تەسەۋۋۇر قىلغان ئۈچ ئۆلچەملىك دۇنيانى لايىھەلىيەلەيدىغان بولىدۇ.
  5. باسقۇچ: تەبىئىي پەنگە ئائىت ئۆزلىرى خالىغان كىچىك بىر تەتقىقات تېمىسى ئائىلە تاپشۇرۇقى سۈپىتىدە بېرىلىدۇ.
  6. باسقۇچ: ئالدىنقى تۆت باسقۇچتىكى مەزمۇنلار بويىچە ئوقۇغۇچىلاردىن ئەتراپلىق ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، ئىمتىھان ۋىدىيولۇق ھالەتتە ئوقۇغۇچىنىڭ بايان قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان شەكىلدە بولۇپ، بۇ باسقۇچقا كەلگىچە بولغان جەرياندىكى ئوقۇغۇچىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە خاراكتېرى، ئائىلىسىنىڭ قوللىشى، … قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق دەرسلەرگە تاللىنىپ ياكى تاللانمايدىغانلىقى قارار قىلىنىدۇ.
  7. باسقۇچ: بۇ باسقۇچتا ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېر پروگراممىسى يېزىش قابىليىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلدۇرىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار Python ھەققىدە دەسلەپكى ساۋاتلار بىلەن تونۇشۇپ ئاددىي پروگراممىلارنى يازالايدىغان بولىدۇ.
  8. باسقۇچ: كېيىنكى باسقۇچتىكى پروجېكتلىرىدا ياسايدىغان روبوتلىرىنى پروگراممىلاش ئۈچۈن ++C پروگرامما تىلىنى ئۆگىنىدۇ.
  9. باسقۇچ: ئوقۇغۇچىلار دەسلەپكى ئېلېكترون ساۋاتلىرى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ھەرخىل مىكرو كونتروللىغۇچ تاختىلىرىغا كومپيۇتېردا پروگرامما يېزىپ روبوت پروجېكتلىرىنى ياسايدۇ.

2023-يىللىق UyghurSTEM (شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن) يازلىق تەتىللىك تەربىيەلەش پروگراممىمىزنىڭ دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە

2023-يىللىق UyghurSTEM (شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن) يازلىق تەتىللىك تەربىيەلەش پروگراممىمىزنىڭ باسقۇچلۇق دەرس پروگراممىسى تۆۋەندىكىچە

بىرىنچى باسقۇچ: بۆلەك ئاساسىدىكى پروگرامما
باشلىنىش ۋاقتى 2023-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى
ئاخىرلىشىش ۋاقتى 2023-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى
دەرس ۋاقتى 13 كۈن، 39 سائەت
(25-ئىيۇن، 26-ئىيۇن كۈنلىرىنىمۇ ئ‍ۆز ئىچىگە ئالىدۇ،
28-ئ‍ىيۇندىن 3-ئىيۇل كۈنلىرىگىچە قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش بولىدۇ)
ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلار
  • Basics of block based coding
    • Pre-reader express
    • Express Course
    • loops
    • if conditions
    • nested if
    • nested loop
    • variables
    • functions
  • Sracth 1
  • Sracth 2
  • Sracth 3
  • Sracth 4
  • Sracth 5
  • Sracth 6
  • Sracth 7
دەرس ۋاقىتلىرى ئىستانبۇل ۋاقتى 18:00 ~ 20:50
ئوتتۇرا ياۋروپا ۋاقتى 17:00 ~ 19:50
نيۇيورك، تورونتو ۋاقتى 11:00 ~ 13:50
دەرس شەكلى پۈتۈنلەي توردا
ئ‍ىككىنچى باسقۇچ: ماتېماتىكا
باشلىنىش ۋاقتى 2023-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى
ئاخىرلىشىش ۋاقتى 2023-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى
دەرس ۋاقتى ئ‍التە كۈن، 18 سائەت (دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)
(25-ئىيۇن، 26-ئىيۇن كۈنلىرىنىمۇ ئ‍ۆز ئىچىگە ئالىدۇ،
28-ئ‍ىيۇندىن 3-ئىيۇل كۈنلىرىگىچە قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش بولىدۇ)
ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلار
  • ئالگېبرا
    • ساناق سانلار
    • مەنپىي سانلار
    • تۆت ئەمەل
    • ئونلۇق كەسىرلەر
    • ئالگېبرالىق ئىپادىلەر
    • ئاددىي تەڭسىزلىكلەر
    • سۈرئەت، ۋاقىت، مۇساپە مەسىلىلىرى
    • فۇنكسىيە
    • توپلام نەزەرىيەسى
    • ئىستاتىستىكا ھەققىدىكى دەسلەپكى بىلىملەر
  • گېيومېتېرىيە
    • شەكىللەر ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
    • بۇلۇڭلار ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي بىلىملەر
    • xy كوئوردىنات سىستېمىسى
    • پىفاگور تېئېورىمىسى
    • ترىگونومېتېرىيەلىك فۇنكسىيەلەر ھەققىدە ئاددىي ساۋات
دەرس ۋاقىتلىرى ئىستانبۇل ۋاقتى 09:00 ~ 11:50
ئوتتۇرا ياۋروپا ۋاقتى 08:00 ~ 10:50
دەرس شەكلى پۈتۈنلەي توردا
ئىزاھات بۇ دەرسكە ۋاقتى ماس كەلگەن بالىلار قاتناشسا بولىدۇ،
ئۈچىنچى باسقۇچ: كومپيۇتېر بىلىملىرى
باشلىنىش ۋاقتى 2023-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى
ئاخىرلىشىش ۋاقتى 2023-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى
دەرس ۋاقتى بىر كۈن، ئۈچ سائەت
ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلار
  • قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال ھەققىدە ئاساسىي چۈشەنچىلەر
  • ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچ باشقۇرۇش
  • ئې-خەت ئىشلىتىش
  • سۇنۇم تەييارلاش
دەرس ۋاقىتلىرى ئىستانبۇل ۋاقتى 18:00~ 20:50
ئوتتۇرا ياۋروپا ۋاقتى 16:00~ 18:50
دەرس شەكلى پۈتۈنلەي توردا
تۆتىنچى باسقۇچ: 3D لايىھەلەش
باشلىنىش ۋاقتى 2023-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى
ئاخىرلىشىش ۋاقتى 2023-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى
دەرس ۋاقتى ئ‍ۈچ كۈن، توققۇز سائەت (دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)
ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلار
  • ئۈچ ئۆلچەملىك كوئوردېنات سىستېمىسى
  • ئاساسىي شەكىللەر
  • كېسىش، بىرلەشتۈرۈش، ئ‍ەمەلىي مەشق ۋە پروجېكتلار
دەرس ۋاقىتلىرى ئىستانبۇل ۋاقتى 18:00~ 20:50
ئوتتۇرا ياۋروپا ۋاقتى 16:00~ 18:50
دەرس شەكلى پۈتۈنلەي توردا
بەشىنچى ۋە ئالتىنچى باسقۇچ: تەتقىقات تېما تاپشۇرۇقى ۋە ئىمتىھان
باشلىنىش ۋاقتى 2023-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى
ئاخىرلىشىش ۋاقتى 2023-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
ئىزاھات بۇ تاپشۇرۇق تەربىيەلەش پروگراممىسى باشلىنىش بىلەنلا بېرىلىدىغان بولۇپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق Python پروگرامما تىلى، ++C تىلى، دەسلەپكى ئېلېكترون ساۋاتلىرى ۋە مىكرو كونتروللىغۇچلارنى ئىشلىتىش دەرسلىرىگە قاتنىشىش ياكى قاتنىشالماسلىقنى بەلگىلەيدىغان دەسلەپكى شەرت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
باھالىنىدىغان مەزمۇنلار
  • ئىلگىرىكى دەرسلەردە ئۆگەنگەن مەزمۇنلار
  • كومپيۇتېرنى ۋە كۇنۇپكا تاختىسىنى (ئالاھىدە ھەرپ-بەلگىلەر بىلەن قوشۇپ) راۋان قوللىنىش
  • تەبىئىي پەندىكى بىر مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىپ ئىلمىي جەھەتتىن چۈشەندۈرۈپ سۇنۇم تەييارلاش
ئىمتىھان ۋاقىتلىرى ئ‍وقۇغۇچىنىڭ بوش ۋاقتىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ، ئىمتىھان توردا بولىدۇ
ئىمتىھان شەكلى پۈتۈنلەي توردا
يەتتىنچى باسقۇچ: Python پروگرامما تىلى
باشلىنىش ۋاقتى 2023-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى
ئاخىرلىشىش ۋاقتى 2023-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى
دەرس ۋاقتى 14 كۈن، 42 سائەت
ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلار
  • Introduction
    • Getting Started
    • Keywords and Identifiers
    • Statements & Comments
    • Python Variables
    • Python Datatypes
    • Python Type Conversion
    • Python I/O and import
    • Python Operators
    • Python Namespace
  • Flow Control
    • Python if...else
    • Python for Loop
    • Python while Loop
    • Python break and continue
    • Python Pass
  • Function
    • Python Functions
    • Function Argument
    • Python Recursion
    • Global, Local and Nonlocal
    • Python Global Keyword
    • Python Modules
    • Python Package
  • Data Types
    • Python Numbers
    • Python List
    • Python Tuple
    • Python String
    • Python Set
  • File Handling
    • Python File Operation
    • Python Directory
  • Object & Class
دەرس ۋاقىتلىرى ئىستانبۇل ۋاقتى 18:00~ 20:50
ئوتتۇرا ياۋروپا ۋاقتى 16:00~ 18:50
دەرس شەكلى پۈتۈنلەي توردا
سەككىزىنچى باسقۇچ: ++C پروگرامما تىلى
باشلىنىش ۋاقتى 2023-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى
ئاخىرلىشىش ۋاقتى 2023-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى
دەرس ۋاقتى 14 كۈن، 42 سائەت
ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلار
  • C++ Introduction
    • C++ Variables and Literals
    • C++ Data Types
    • C++ Basic I/O
    • C++ Type Conversion
    • C++ Operators
    • C++ Comments
  • C++ Flow Control
    • C++ if...else
    • C++ for Loop
    • C++ do...while Loop
    • C++ break
    • C++ continue
    • C++ switch Statement
  • C++ Functions
  • C++ Arrays
    • Multidimensional Arrays
  • C++ Objective & Class
    • C++ Objects and Class
    • C++ Constructors
دەرس ۋاقىتلىرى ئىستانبۇل ۋاقتى 09:00~ 13:00
دەرس شەكلى پۈتۈنلەي يۈزتۇرانە
توققۇزىنچى باسقۇچ: مىكرو كونتروللىغۇچلار
باشلىنىش ۋاقتى 2023-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى
ئاخىرلىشىش ۋاقتى 2023-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
دەرس ۋاقتى 14 كۈن، 42 سائەت
ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلار
  • دەسلەپكى ئېلېكترون ساۋاتلىرى
  • مىكرو كونتروللىغۇچلار (Arduino, ESP32)
  • ئەمەلىي پروجېكتلار
دەرس ۋاقىتلىرى ئىستانبۇل ۋاقتى 09:00~ 13:00
دەرس شەكلى پۈتۈنلەي يۈزتۇرانە

ئالاقە تېلېفونى:+90 553 592 60 91

WhatsApp:+90 553 592 60 91

UyghurSTEM ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس ۋە پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر



UyghurSTEM ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس ۋە پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر



‫2023-يىللىق UyghurSTEM (شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن) يازلىق تەتىللىك تەربىيەلەش پروگراممىسىغا ئىلتىماس جەدىۋىلى

تۆۋەندىكى بۆلەكتىكى تەلەپ قىلىنغان ئۇچۇرلارنى نامزات ئوقۇغۇچىنىڭ ھامىيسى تولدۇرىدۇ.

بۇ بەتتىكى تېكىستنى تولۇق ئوقۇدىڭىزمۇ؟ *
سىز بىلەن ئالاقىلىشەلىشىمىز ئۈچۈن تېلېفون نومۇرىڭىزنى توغرا يېزىڭ
سىز بىلەن ئالاقىلىشەلىشىمىز ئۈچۈن تېلېفون نومۇرىڭىزنى توغرا يېزىڭ
دەرس ۋە تاپشۇرۇقلاردا ئالاقىلىشىمىز ئۈچۈن دائىم ئىشلىتىدىغان بىر ئې-خەت ئادرېسىنى يېزىڭ

تۆۋەندىكى بۆلەكتە تەلەپ قىلىنغان ئۇچۇرلارنى دەرسكە قاتنىشىدىغان پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن تولدۇرىسىز

بالىڭىزنىڭ ئۇيغۇرچە سەۋىيەسى *
پەرزەنتىڭىز بۇرۇنقى دەرسلىرىمىزگە قاتنىشىپ باقتىمۇ؟ *
بۇ ئېلاندىن قانداق خەۋەردار بولدىڭىز؟
سورايدىغان سوئاللار بولسا بۇ يەرگە يېزىپ قويسڭىز بولىدۇ.

جەدىۋەلنى ئەستايىدىل تولدۇرغاندىن كېيىن، يېڭى بەتكە ئالمىشىپ ئىلتىماسىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقى ھەققىدىكى يېشىل رەڭلىك ئەسكەرتمە ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ