ئىدىيەدىن پروتوتىپقىچە: تىزىملاش جەدىۋىلى

ئىدىيەدىن پروتوتىپقىچە: تىزىملاش جەدىۋىلى

ئىدىيەدىن پروتوتىپقىچە تەربىيەلەش پروگراممىسى: تىزىملاش جەدىۋىلى

 

پروتوتىپ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا تۇنجى ئۆرنەك ياكى مودېل دېگەن مەنىدىكى سۆز بولۇپ، رەقەملىك ياكى فىزىكىلىق بىر مەھسۇلاتنىڭ پۈتۈشتىن ئاۋۋالقى نۇسخىسىنى كۆرسىتىدۇ. بىز ئۇيغۇر بالىلىرىنى ۋە ياشلىرىنى تەربىيەلەش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش، ئوي-پىكىرلەرنى قانداق قىلىپ پروتوتىپقا ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەش مەقسىتىدە 20 ھەپتىلىك ئوقۇتۇش پىلانىنى تۈزدۇق.
ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا يېڭى تېخنىكىنىڭ قايسى نۇقتىغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارغا كەلگۈسىدىكى مەھسۇلات لايىھەسىگە نىسبەتەن توغرا تەپەككۇر يولىنى كۆرسىتىمىز.
بۇ تەربىيەلەش پروگراممىسىدا پروتوتىپ لايىھەسى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك تەپەككۇر جەريانلىرىنى، بىر پروتوتىپ لايىھىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى پروگرامما ھالىتىدە تۈزۈپ، يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتال مۇھىتىدا تەقلىد قىلىشنى (Tinkercad simulation) ئۆگىتىمىز. Arduino مىكرو كونتروللىغۇچ ئارقىلىق يۇمشاق دېتال ۋە قاتتىق دېتاللارنى ئىشلىتىپ، پروتوتىپ لايىھەسىنى ئەمەلىي سىنايمىز.
توردا ئۆتۈلىدىغان بۇ تەربىيەلەش پروگراممىسى ھەقسىز بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 10 ياشتىن يۇقىرى بالىلار ۋە ياشلار قوبۇل قىلىنىدۇ

دەرس سۆزلىگۈچى: پروفېسسور دوكتور مەمەتجان ياسىن (كانادا)

تەشكىللىگۈچى: مەڭگۈتەك تەربىيەلەش مەركىزى

بالىڭىزدا توغرا تەپەككۇر، ماھارەت ۋە يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتال بىلىملىرى بولسا، بالىڭىزنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولغۇسى.

 

دەرس باشلاش ۋاقتى: 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 

دەرس كۈنى: ھەر يەكشەنبە ۋانكوۋېر ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن 9:00 (ئىستانبۇل ۋاقتى كەچ سائەت 8:00)

UyghurSTEM


 

قىزىققىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت، قوبۇل قىلىدىغان سان توشتى.

تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلار ئۈچۈن «مەڭگۈتەك تەربىيەلەش مەركىزى»نىڭ تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىڭ.

www.mengutech.com
 

يېڭى دەرس: 2026-يىللىق UyghurSTEM (شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن) قىش تەتىللىك تەربىيەلەش پروگراممىمىسى

يېڭى دەرس: 2026-يىللىق UyghurSTEM (شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن) قىشلىق تەتىللىك تەربىيەلەش پروگراممىمىسى

دەرس باشلاش ۋاقتى: 2026-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى

دەرسلەر توردا ۋە يۈزتۇرانە بولىدۇ،

يۈزتۇرانە دەرسلەر ھەقسىز بولىدۇ.

توردىكى دەرسكە قاتنىشىدىغان بالىلار نۆل سەۋىيەلىك ياكى يۇقىرى سەۋىيەلىك سىنىپلاردىن بىرىنى تاللاپ قاتناشسا بولىدۇ.

يۈزتۇرانە دەرسلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەن 50 سائەتلىك خالىغان بىر (Scratch, Python, C/C++, Java, JavaScript,..) پروگرامما تىلى دەرسىگە قاتنىشىپ باققان بولۇشىڭىز كېرەك

50 سائەتنى ھېسابلاش ئۇسۇلى: ئەگەر ھەپتىدە بىر قېتىم ۋە بىر سائەت ئۆتۈلىدىغان پروگرامما تىلى دەرسىگە قاتناشقان بولسىڭىزئاز دېگەندە ئۇدا بىر يىل تولۇق قاتناشقان بولۇشىڭىز كېرەك، ئەگەر ھەپتىدە ئىككى سائەت ئۆتۈلىدىغان دەرسكە قاتناشقان بولسىڭىز ئاز دېگەند ە ئالتە ئاي تولۇق قاتناشقان تەجرىبىڭىز بولۇشى كېرەك، ئەگەر ھەپتىدە 10 سائەت ئۆتۈلىدىغان دەرسكە قاتنىشىپ باققان بولسىڭىز، ئاز دېگەندە بەش ھەپتىلىك دەرسكە تولۇق قاتناشقان بولۇشىڭىز كېرەك.
«2026-يىللىق UyghurSTEM (شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن) قىشلىق تەتىللىك تەربىيەلەش پروگراممىمىسى» ناملىق دەرسىمىزگە قاتنىشىشنى خالىسىڭىزبۇ يەرگە بېسىپ تىزىملىتىڭ.