غايىنىڭ خوتى بىلەن يەر يۈزىنى تىلغاپ ئۆتۈشكە جاسارەت قىلالايدىغان بالىلار ئۈچۈن Python پروگرامما تىلى دەرسى
غايىنىڭ خوتى بىلەن يەر يۈزىنى تىلغاپ ئۆتۈشكە جاسارىتى بار ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ئۈچۈن، كەلگۈسى يىللارغا پىلانلىغان پروجېكتلىرىمىزنى بىز بىلەن داۋاملاشتۇرالىغۇدەك پوتېنسىيالغا ئىگە بىر قانچە ئوقۇغۇچىنى تاللاپ قوبۇل قىلماقچى. قوبۇل قىلىنغان بالىلار تىرىشچانلىقى ۋە تالانتى بىلەن ئۆزىنى ئىسپاتلىغانلاردىن تەشكىللەنگەن يادرولۇق ئەترەتتىكى ئوقۇغۇچىلىرىمىز بىلەن بىللە تەربىيەلىنىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، دەرسلىرىمىز ھەقسىز بولۇپ, تۇنجى دەرس 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى پەيشەنبە باشلىنىپ، كېيىنكى ھەپتىسىدىن باشلاپ ھەر چارشەنبە داۋام قىلىدۇ، دەرستىن سىرت ھەپتىدە بىر ياكى ئىككى قېتىم UyghurSTEM دىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇزاكىرە تەشكىللىنىدىغان بولۇپ، دەرس كېلەر يىلى مارت ئېيىدا ئاخىرلىشىدۇ، ئوقۇغۇچىلار دەرسنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا قاراپ يەنە بىر نۆۋەت تاللىنىپ، 2024-يىلى باشلىنىدىغان پروجېكتلار ئۈچۈن يېتەكلىنىدۇ.
بۇ دەرستە نېمىلەر ئۆگىتىلدۇ؟
بۇ دەرستە Python پروگرامما تىلىدىكى ئاساسى بىلىملەر ئەمەلىي پروجېكتلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سۆزلىنىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار تىلدىن باشقا يەنە ھەرقانداق يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئانالىتىك ئويلاش ۋە ئالگورىزم (پروگرامما تىللىرىدىكى مەلۇم مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇن ئۈچۈن ئۈچۈن پروگرامما تىللىرىنىڭ قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا ئېنتايىن ئېنىق تەرتىپلەر بىلەن لايىھىلەنگەن قەدەم-باسقۇچلار) يېزىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرەلەيدۇ.
نېمىشقا Python پروگرامما تىلى سۆزلىنىدۇ؟
قوللىنىشقا ئەپلىكلىكى، كېڭەيتىلىشچانلىقى، ھەقسىز ۋە ئوچۇق كودلۇق بولۇشى، بىز ھەركۈنى ئشلىتىۋاتقان Google, YouTube, Spotify, Netflix, Instagram, Facebook،… قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ بۇ تىلنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇشى ۋە شۇنداقلا بۇ تىلغا تۆھپە قوشىدىغان يۇمشاق دېتال ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ توختاۋسىز ئەمگىكى نەتىجىسىدە Python پروگرامما تىلى سۈنئىي ئەقىل ۋە ماشىنا ئۆگىنىشى، ئىستاتىستىكا، روبوت، بۇلۇت ھېسابلاش، ئۈستەليۈزى ۋە تور قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللىرى،… ساھەسىدىكى ئىشلىتىلىشى تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان كومپيۇتېر پروگرامما تىللىرى رەت تەرتىپلىرىدە ئاساسەن 1-ئورۇننى ئىگەللەپ كېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ روبوت ۋە باشقا پروجېكتلىرىمىزدىمۇ بۇ تىل ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ بالىلىرىمىز بۇ تىلنى ياخشى ئۆگىنىش ئارقىلىق كەلگۈسىگە تېخىمۇ ياخشى تەييارلىنالايدۇ.
دەرس ۋاقتى ۋە باشقا ئۇچۇرلار:
- باشلاش ۋاقتى: 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
- ئاخىرلىشىش ۋاقتى: 2023-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى
- ياش چەكلىمىسى: 8 ياشتىن چوڭ 14 ياشتىن كىچىكلەر
- پروگرامما تىلى تەجرىبىسى: خالىغان پروگرامما تىلىدا ئەڭ ئاز 50 سائەت دەرس ئالغان بولۇش كېرەك
- دەرس كۈنى: ھەر چارشەنبە ئىستانبۇل ۋاقتى 19:30-21:00
- مۇزاكىرە ۋاقتى: ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
- دەرس شەكلى: توردا
- ئوقۇش پۇلى: ھەقسىز
- ئەسكەرتىش: ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز مەكتەپلىرىدىكى ئىمتىھان مەزگىللىرىدە بۇ دەرسنىڭ ۋاقىتلىرىغا ئېلاستىك مۇئامىلە قىلىنىدۇ.
ئىلاۋە ئورنىدا:
ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۆزىمىزگە دەرد قىلىپ بېكىتتۇق،
ئاسان بولغىنى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى قىيىن بولغىنى ئۈچۈن تاللىغان يولىمىزدا پەقەت بىر كومپيۇتېردىن باشقا ھېچقانداق فىزىكىلىق ئىمكانىيەتلىرىمىز يوق ھالەتتە، غايىمىزگە بولغان يۈكسەك ساداقەت ۋە قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىمىزنى يېقىلغۇ قىلىپ، ئۆزىمىزگە مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ قىلىپ يۈكلىگەن قىممەت قاراشلىرىمىزدا سەمىمىيلىك بىلەن چىڭ تۇرۇپ، بۇ ئۇلۇغۋار ئىشنىڭ باشلامچىسى بولۇش شەرىپى نىسىپ بولغانلىقىدىن ئىپتىخارلانغان ھالدا ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ئىجابىي نۇقتىدىن ئەبەدىي تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كەلدۇق؛ بۈيۈك ئىرادىلەر بىلەن باشلىغان قىيىن سەپىرىمىزدە روبوت ۋە پروگرامما تىللىرى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۇيغۇر بالىلار ئارىسىدا بىر ئېقىم ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە، تەسسىس قىلىپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تەبئىي پەن دەرسلىرىمىز ئارقىلىق ئىلىم-پەن ھەۋەسكارلىرىنى كۆپەيتىشكە، تېخنىكا كۆرگەزمىلىرىمىز ئارقىلىق بالىلارغا ئۆزلىرىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىشكە تىرىشتۇق.
بىز بۇ يەردە ئوقۇغۇچىلىرىمىز بىلەن ئەڭ نەپس كودلاردىن ئۈنچىلەرنى تىزىمىز، بالىلارغا كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدنىڭ، تەسەۋۋۇرنىڭ، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىگە ئىشىنىشنىڭ «ۋاكسىنىسىنى» ئەملەيمىز. غايىلىرىمىزنىڭ بۈيۈكلۈكى، ئارزۇلىرىمىزنىڭ كۈچلۈكلۈكى، قىزغىنلىقىمىزنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىزنى كېچىلىرى ئۇيقۇسىز قويىدۇ، يېرىم كېچىلەر بىزنىڭ سۈت ئۇيقۇمىزدىن ھاياجان ئىچىدە ئويغىنىپ ئىشىمىزنى داۋام قىلالايدىغان ۋاقتىمىز بولۇپ، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزغا ئوخشاش يالتىراق ۋە تېزلا پارلاپ ئۆچىدىغان ئىشلاردىن زىيادە قۇياشنىڭ كۈچلۈك نۇرلىرىغا ئوخشاش ئەبەدىلئەبەد داۋاملىشىدىغان ۋە ئىز قالىدىغان ئىشلارغا ئىنتىلىمىز. ئۇرۇنۇشلىرىمىزدا قىلىۋاتقان ئىشىمىزغا چوڭقۇر مۇھەببەت بار، ياخشى كۆرۈش بار. ئۇزۇن مەزگىللىك ۋە ئىزچىل پىداكارلىقنىڭ سوغۇق قابىلىيەتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىغا چىنپۈتكۈچىلەرمىز.
يېقىنقى تېخنىكا كۆرگەزمىلىرىمىزگە قاتنىشالىغانلارنىڭ خەۋىرى بولغاندەك، ئوتتۇرىچە يېشى ئەمدىلا 10 ياش بولغان ئۆسمۈرلىرىمىز ئۆز يېشىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ كىشىلەرمۇ ئويلاشقا ئاسانلىقچە جۈرئەت قىلالمايدىغان پروجېكتلارنى قول سېلىپ ئىشلەپ ۋۇجۇدقا چىقارغان بولۇپ، ئەمدىلا 8 ياشلارغا قاراپ ماڭغان ئوقۇغۇچىلار نەچچە يۈز قۇرلۇق ۋە ئىنتايىن مۇرەككەپ لوگىكىلىق باغلىنىشى بولغان C/C++ كودلىرىنى يېزىپ روبوتلارنى ياساۋاتىدۇ، 11 ياشلىق ئوقۇغۇچىلىرىمىز سۈنئىي ئەقىل ئىشىلىتىلگەن (Artificial intelligence) ئەمەلىي قوللىنىشچان پروگراممىلارنىڭ كودلىرىنى يېزىۋاتىدۇ. تەسەۋۋۇرى كۈچلۈك ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت ئېلېمنتلىرىمىزنى ئۈچ ئۆلچەملىك ئويۇنلارغا ئايلاندۇرۇپ، يوقىلىۋاتقان ۋە يوقىتىلىۋاتقان مەدەنىيىتىمىزنى ئېلېكترونلۇق مۇھىتتا ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. قولى ئەپچىل ئوقۇغۇچىلىرىمىز خىلمۇخىل ئايروپىلان ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەرنى ياساۋاتىدۇ.
يېتەرلىك دەرىجىدە ئارزۇلىغان ۋە توغرا ئۇسۇل بىلەن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن تەقدىردە نىسىپ ۋە ئىنسانغا ئاتا قىلىنغان قابىلىيەتلەر دائىرىسىدە قىلالىشىمىز مۇمكىن بولمايدىغان ھېچقانداق ئىشنىڭ يوقلۇقىغا ئىشىنىمىز ۋە ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى يىللاردىن بېرى مۇشۇ روھتا تەربىيەلەپ كېلىۋاتىمىز. UyghurSTEM نىڭ يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك ئاتموسفېراسىدىن قېنىپ نەپەس ئېلىۋاتقان بۇ بالىلىرىمىز جاپالىق ئەمما نەتىجىسى ھۇزۇرلۇق بۇ يولنى ئۆزلىرى ئارزۇلاپ تاللىغان بولۇپ، روبوتلارنى ياساش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ پېشانىسىدىن تەرلا ئەمەس، قوللىرىدىن قانلارمۇ ئاقتى. كىچىك قوللىرىدا قىزىق داغمالنى تۇتقان، كومپيۇتېر ئېكرانىدىكى ئىمىر-چىمىر كودلارغا قاراپ چەكچەيگەن، بارماق ۋە ئالقانلىرىنى ئۆتكۈر خېمىيەلىك دورىلار كۆيدۈرگەن ھالەتتە ئۇيقۇسىز كېچىلەرنى بىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزدى. قىلالمىغان چاغلىرىدا روبوتلارغا، كودلارغا قېيداپ ئاۋازى تۇتۇلۇپ قالغۇدەك دەرىجىدە ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتكەن بولسا، قىلالىغان چېغىدىكى خۇشاللىقتىن، ھەيرانلىقتىن چەكچىيىپ كۆز قارىچۇقلىرى يوغىناپ، سەكرەپ كەتتى.
شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، نەزىرىنى تېخىمۇ يۈكسەكلەرگە ۋە يىراقلارغا تىككەن بۇ ئوقۇغۇچىلىرىمىزدىكى ئىزدىنىش روھىغا، تىز پۈكمەس خاراكتېرىگە، بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان لوگىكىلىق تەپەككۇرىغا قاراپ، تامچە سۇدىن دېڭىزنى كۆرگەندەك بولۇپ كەلگۈسىمىزدىن تېخىمۇ بەك ئۈمىدلىنىمىز.
بىز UyghurSTEM بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سىلەرگە سۇنغان خىزمەتلىرىمىزنىڭ سۈپىتىگە مۇمكىنقەدەر يۇقىرى ئۆلچەم قويۇپ، «قىلىش» دېگەن سۆزنىڭ ئوڭ تەرىپىدە «سۈپەتلىك» دېگەن سۆزنىڭ ھەرۋاقىت مەۋجۇت بولۇشىنى ئۆزىمىزگە قويغان نېگىزلىك تەلەپ سۈپىتىدە قاراشنى داۋاملاشتۇردۇق. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن ئىشلارغا كۆپ كۈچ سەرپ قىلدۇق ۋە مۇئەييەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. دوستلارنىڭ بىلگىنىدەك بىز قىلىۋاتقان ئىشىمىزنى ياخشى كۆرگۈچىلەرمىز. تۇنجى قەدەمنى ئالغاندىن باشلاپلا ئۆزىمىزدە بار بولغان يۈكسەك قىزغىنلىق، قىلىۋاتقان ئىشىمىزغا بولغان چوڭقۇر ئىشتىياق، يۇقىرى ئېنېرگىيە، ئىخلاسمەنلىك ۋە پىدائىيلىق روھىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز ۋە يەنە ئوخشاش داۋام قىلىمىز. ياخشى تەرەپكە يۈزلەنگەن بىر ئۆزگىرىشنىڭ زەنجىرسىمان تەسىر يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بارلىق ئىشلىرىمىزدا سۈپەتلىك قىلىش ئىرادىمىزنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشىمىز.
كېلىڭ، كىچىككىنە ئۆزگىرىش ئارقىلىق زەنجىرسىمان بىر ئۆزگىرىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرايلى.
ئالاقىلەشكۈچى: مەمتىمىن
ئالاقە تېلېفونى:+90 553 592 60 91
WhatsApp:+90 553 592 60 91