ئاتا-ئانىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان 2022-يىللىق UyghurSTEM يازلىق (جەنۇبىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن قىشلىق) دەرس ۋە پائالىيەتلىرىمىز باشلاندى. بۇ قېتىملىق دەرسىمىزدە كومپيۇتېر پروگرامما تىللىرى ۋە روبوت دەرسلىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، دەرسنىڭ دەسلەپكى بۆلىكى توردا ھەم شۇنداقلا قىسمىي جەھەتتىن يۈزتۇرانە باشلىنىدۇ، قۇربان ھېيتتىن كېيىن دەرسلەر ئومۈميۈزلۈك يۈزتۇرانە بولىدۇ. 8~15 ياش ئارىسىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس جەدىۋىلىنى تولدۇرسا بولىدۇ. دەرس ھەقسىز بولۇپ، دەرسلەردىنمۇ سىرت تۈرلۈك ئېكسكۇرسىيە ۋە پائالىيەتلەر بولىدۇ، دەرس ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىگە قارىتا ھەرخىل سىنىپلارغا ئايرىلىدۇ، دەرسلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىستانبۇلدا ئالدىنقى يىللاردىكى پائالىيەتلىرىمىزنىڭ داۋامى بولغان 4-قېتىملىق تېخنىكا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. رەسمىي ئوقۇغۇچىلار دەرسكە ئىلتىماس قىلغان نامزاتلار ئارىسىدىن تاللاپ قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، تىزىملىتىش پەقەت ۋە پەقەت تور بېكىتىمىز ئارقىلىقلا بولىدۇ.
دەرس باشلاش ۋاقتى: 7-ئاينىڭ 8-كۈنى جۈمە
ئاخىرلىشىش ۋاقتى: 8-ئاينىڭ 21-كۈنى
بىز غايىنىڭ خوتى بىلەن يەريۈزىنى تىلغاپ ئۆتكۈچىلەرمىز. بۈيۈك ئىرادىلەر بىلەن يولغا چىقتۇق، روبوت ۋە پروگرامما تىللىرى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۇيغۇر بالىلار ئارىسىدا بىر ئېقىم ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە، تەسسىس قىلىپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تەبئىي پەن دەرسلىرىمىز ئارقىلىق ئىلىم-پەن ھەۋەسكارلىرىنى كۆپەيتىشكە، تېخنىكا كۆرگەزمىلىرىمىز ئارقىلىق بالىلار ئۆزلىرىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىشكە تىرىشتۇق، دەرسلىرىمىزگە قاتناشقانلار ئىچىدە كومپيۇتېرغا بويى يەتمەيدىغان، چىشلىرى ئەمدى چۈشۈپ چىقىۋاتقان كىچىك بالىلاردىن تارتىپ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغىچە، بالىسىنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ دەرسكە قاتناشقان ئاپىلاردىن، ئاتا-ئانىمىزنىڭ يېشىدىكىلەرگىچە ئوقۇغۇچىلىرىمىز بولدى. پىنگىۋىنلارلا ياشايدىغان ئانتاركتىكا قىتئەسىدىن باشقا ھەممە قىتئەدىكى خېلى كۆپ دۆلەتلەردىن ئوقۇغۇچىلىرىمىز بولدى، ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۇيغۇر بالىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى، ئىستانبۇلدىكى تۈرك مەكتەپلىرى ۋە يەرلىك پۇقراۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن 50 ئەتراپىدا تۈرك ئوقۇغۇچىنى كومپيۇتېر پروگرامما تىللىرى ۋە روبوت بىلىملىرى بويىچە بىر قانچە ئاي پىدائىيلىق بىلەن تەربىيەلەپ بەردۇق، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ يۈكسىلىشىگە تۆھپە قوشىدىغان تايانچ كۈچ بولالايدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىشكە تىرىشتۇق.
بىز UyghurSTEM بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سىلەرگە سۇنغان خىزمەتلىرىمىزنىڭ سۈپىتىگە مۇمكىنقەدەر يۇقىرى ئۆلچەم قويۇپ كەلدۇق. «قىلىش» دېگەن سۆزنىڭ ئوڭ تەرىپىدە «سۈپەتلىك» دېگەن سۆزنىڭ ھەرۋاقىت مەۋجۇت بولۇشىنى ئۆزىمىزگە قويغان نېگىزلىك تەلەپ سۈپىتىدە قاراشنى داۋاملاشتۇردۇق. دوستلارنىڭ بىلگىنىدەك بىز قىلىۋاتقان ئىشىمىزنى ياخشى كۆرگۈچىلەرمىز. تۇنجى قەدەمنى ئالغاندىن باشلاپلا ئۆزىمىزدە بار بولغان يۈكسەك قىزغىنلىق، قىلىۋاتقان ئىشىمىزغا بولغان چوڭقۇر ئىشتىياق، يۇقىرى ئېنېرگىيە، ئىخلاسمەنلىك ۋە پىدائىيلىق روھىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز ۋە يەنە ئوخشاش داۋام قىلىمىز. ياخشى تەرەپكە يۈزلەنگەن بىر ئۆزگىرىشنىڭ زەنجىرسىمان تەسىر يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بارلىق ئىشلىرىمىزدا سۈپەتلىك قىلىش ئىرادىمىزنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشىمىز.
كېلىڭ، كىچىككىنە ئۆزگىرىش ئارقىلىق زەنجىرسىمان بىر ئۆزگىرىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرايلى.
ئالاقىلەشكۈچى: مەمتىمىن
ئالاقە تېلېفونى:+90 553 592 60 91
WhatsApp:+90 553 592 60 91
تاللىنىش ئېھتىماللىقىڭىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن جەدىۋەلنى ئەستايىدىل ۋە توغرا تولدۇرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
جەدىۋەلنى ئەستايىدىل تولدۇرغاندىن كېيىن 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىستانبۇل ۋاقتى 23:00 كىچە سىز بىلەن ئالاقىلىشىمىز.
دەرس ھەقسىز بولۇپ، دەرستە ئىشلىتىدىغان ماتېرىيال ۋە زاپچاسلارنىڭ پۇلى 1100 لىرا، ئاتا-ئانىلار ئۈستىگە ئالىدىغان بۇ ماتېرىيال ۋە زاپچاس چىقىملىرىنى مۇمكىنقەدەر ئازايتىشقا تىرىشتۇق، (بەزى ئوقۇغۇچىلاردا دەرستە ئىشلىتىدىغان ماتېرىيال ۋە زاپچاسلارنىڭ بىرقىسىمى بار بولۇپ، كەم قىسىمىنى ئۆزلىرى تولۇقلىسا ياكى بىزنىڭ تولۇقلاپ بېرىشىمىزگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ)