2024-يىللىق قىشلىق تەتىللىك Bootcamp پىروگراممىسى

2024-يىللىق UyghurSTEM (شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن) قىشلىق تەتىللىك Bootcamp پىروگراممىسىغا قاتنىشىشقا ئىلتىماس قىلىڭ

 

ۋىدىيو چۈشەندۈرۈشى: UyghurSTEM ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس ۋە پائالىيەتلىرىدىن بەزى كۆرۈنۈشلەر

جاۋاب: Bootcamp ئەسلىدە ئەسكەرلەرنىڭ ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كېرەكلىك ماھارەتلەر بويىچە قىيىن ۋە قاتتىق شارائىتلاردا مەشقلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كەسپىي قابىليىتىنى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان تەربىيەلەشلەرگە بېرىلىدىغان ئىسىم بولۇپ، ھازىر بۇ خىل تەربىيەلەش ئۇسۇلىنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسى نۇرغۇن ساھەلەرگە كېڭەيدى، جۈملىدىن بۇ تەربىيەلەش پىروگراممىمىزمۇ Bootcamp شەكىلدە بولىدۇ

جاۋاب: دەرس بۇرۇن كومپيۇتېر پروگرامما تۈزۈش ياكى روبوت دەرسلىرىگە قاتنىشىپ باقمىغان بالىلارغا ماس كېلىدۇ، دەرستە پىروگرامما تۈزۈشتىن سىرت، ئۈچ ئۆلچەملىك لايىھىلەش ھەققىدە دەسلەپكى بىلىملەر سۆزلىنىدۇ (بۇنىڭغا ئ‍وخشاش دەرسلەرگە قاتنىشىپ باققان بالىلار ئۆگەنگەنلىرىنى تېخىمۇ پۇختىلاش ئۈچۈن قاتناشسىمۇ بولىدۇ).

سۇنۇم (لېكسىيە) تەييارلاش ماھارەتلىرى سۆزلىنىپ ئوقۇغۇچىلار مەشقلەندۈرۈلىدۇ.

سۈنئىي ئەقىل، ماشىنا ئۆگىنىشى قاتارلىق ئۇقۇملار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىپ، ھازىر مودا بولۇۋاتقان سۈنئىي ئەقىل قوراللىرىنى ئىشلىتىش ئ‍ۇسۇللىرى كۆرسىتىلىدۇ.

ياش چەكلىمىسى: 8 - 14 ياش

 

جاۋاب: دەرستىكى بارلىق مەشغۇلاتلاردا كومپيۇتېر لازىم بولىدىغان بولۇپ، دەرسنىڭ توردىكى قىسىمى ۋە يۈزتۇرانە قىسىمىغا چوقۇم كومپيۇتېر بىلەن قاتنىشىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە روبوتلىرىڭىزنى ياساش ئۈچۈن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان Arduino Set/Arduino Kit دەپ ئاتىلىدىغان بىر يۈرۈش ماتېرىياللار لازىم بولىدۇ (رەسىمدە ئۆرنەك ئۈچۈنلا كۆرسىتىلدى).

جاۋاب: بۇ قېتىملىق تەربىيەلەش تۈركىيەدىكى بالىلارنىڭ قىشلىق تەتىلىنىڭ قىسقا بولۇشى سەۋەبىدىن قىسقا مۇددەتلىك ۋە ئىخچاملاشتۇرۇلغان شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، دەرس ۋاقتىمىزنىڭ قىسقىلىقى ۋە ماتېرىياللارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كەتكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا Arduino ۋە باشقا كېرەكلىك ئېلېكترونلۇق زاپچاسلارنى سېتىلىۋېلىشنى شەرت قىلمىدۇق. ئەگەر سىز ئىلگىرىكى دەرسلەرگە قاتناشقان ۋە سىزدە Arduino زاپچاسلىرى بار بولسا ئايرىم سېتىۋېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق بولۇپ، كومپيۇتېردىكى تەقلىدلىگۈچتە ۋە شۇنداقلا سىنىپتىكى باشقا بالىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن كېرەكلىك ماتېرىيالنىڭ باھاسى ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ، سېتىۋېلىشنى خالايدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى يېنىدىن پۇل چىقىرىپ سېتىۋالسا بولىدۇ.

دەرس كۈنلىرى ۋە دەرس ۋاقىتلىرى تۆۋەندىكى جەدىۋەلدە كۆرسىتىلگەندەك بولىدۇ، دەرس ۋاقىتلىرى ئۈچۈن تۈركىيە سائىتى ئاساس قىلىنىدۇ، ھەر 40 مىنۇتتا بىر قېتىم 10 مىنۇتلۇق تەنەپپۇس بولىدۇ، يۈزتۇرانە دەرسلەردە چۈشلۈك تامىقىنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئېلىپ كېلىدۇ.

يۈزتۇرانە دەرس ئۆتۈلىدىغان «نۇزۇگۇم كۇتۇپخانىسى»نىڭ ئادرېسى (ئادرېسنىڭ ئۈستىگە بىۋاستە چەكسىڭىز بولىدۇ):

Nuripasa Mah 14.sok No: 21B, Kat-3, Zeytinburnu/Istanbul

ئىزاھات: ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇدىكى Nuri Paşa ئاپتوبۇس بېكىتى ياكى Marmaray نىڭ Zeytinburnu بېكىتىگە يېقىن.

2024-يىللىق UyghurSTEM قىشلىق تەتىللىك Bootcamp پىروگراممىسى
دەرس كۈنى چۈشتىن بۇرۇن چۈشتىن كېيىن دەرس شەكلى
1-ئاينىڭ 24-كۈنى، چارشەنبە دەرس يوق 13:30 - 16:00 توردا
1-ئاينىڭ 25-كۈنى، پەيشەنبە 10:00 - 12:30 13:30 - 16:00 توردا
1-ئاينىڭ 26-كۈنى، جۈمە 10:00 - 12:30 13:30 - 16:00 توردا
1-ئاينىڭ 27-كۈنى، شەنبە 10:00 - 12:30 دەرس يوق توردا
1-ئاينىڭ 28-كۈنى، يەكشەنبە دەرس يوق دەرس يوق توردا
1-ئاينىڭ 29-كۈنى، دۈشەنبە 10:00 - 12:30 13:30 - 16:00 توردا
1-ئاينىڭ 30-كۈنى، سەيشەنبە 10:00 - 12:30 13:30 - 16:00 توردا
1-ئاينىڭ 31-كۈنى، چارشەنبە 09:30 - 12:30 13:30 - 17:00 توردا
2-ئاينىڭ 1-كۈنى، پەيشەنبە 09:30 - 12:30 13:30 - 17:00 يۈزتۇرانە (ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ نۇزۇگۇم كۇتۇپخانىسى)
2-ئاينىڭ 2-كۈنى، جۈمە 09:30 - 12:45 14:00 - 17:00 يۈزتۇرانە (ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ نۇزۇگۇم كۇتۇپخانىسى)
2-ئاينىڭ 3-كۈنى، شەنبە 09:30 - 12:30 13:30 - 17:00 يۈزتۇرانە (ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ نۇزۇگۇم كۇتۇپخانىسى)
2-ئاينىڭ 4-كۈنى، يەكشەنبە 09:30 - 12:30 13:30 - 17:00 يۈزتۇرانە (ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ نۇزۇگۇم كۇتۇپخانىسى)

ئالاقە تېلېفونى:+90 553 592 60 91

WhatsApp:+90 553 592 60 91

UyghurSTEM ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس ۋە پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر



UyghurSTEM ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس ۋە پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر



‫2024-يىللىق UyghurSTEM (شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن) قىشلىق تەتىللىك bootcamp پروگراممىسىغا ئىلتىماس جەدىۋىلى

تۆۋەندىكى بۆلەكتىكى تەلەپ قىلىنغان ئۇچۇرلارنى نامزات ئوقۇغۇچىنىڭ ھامىيسى تولدۇرىدۇ.

بۇ بەتتىكى تېكىستنى تولۇق ئوقۇدىڭىزمۇ؟ *
سىز بىلەن ئالاقىلىشەلىشىمىز ئۈچۈن تېلېفون نومۇرىڭىزنى توغرا يېزىڭ
سىز بىلەن ئالاقىلىشەلىشىمىز ئۈچۈن تېلېفون نومۇرىڭىزنى توغرا يېزىڭ
دەرس ۋە تاپشۇرۇقلاردا ئالاقىلىشىمىز ئۈچۈن دائىم ئىشلىتىدىغان بىر ئې-خەت ئادرېسىنى يېزىڭ

تۆۋەندىكى بۆلەكتە تەلەپ قىلىنغان ئۇچۇرلارنى دەرسكە قاتنىشىدىغان پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن تولدۇرىسىز

بالىڭىزنىڭ ئۇيغۇرچە سەۋىيەسى *
پەرزەنتىڭىز بۇرۇنقى دەرسلىرىمىزگە قاتنىشىپ باقتىمۇ؟ *
بۇ ئېلاندىن قانداق خەۋەردار بولدىڭىز؟
سورايدىغان سوئاللار بولسا بۇ يەرگە يېزىپ قويسڭىز بولىدۇ.

جەدىۋەلنى ئەستايىدىل تولدۇرغاندىن كېيىن، يېڭى بەتكە ئالمىشىپ ئىلتىماسىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقى ھەققىدىكى يېشىل رەڭلىك ئەسكەرتمە ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ