روبوت دەرسلىرىگە تىزىملىتىڭ

روبوت دەرسلىرىگە تىزىملىتىڭ

ھازىرقى مەۋجۇت شارائىتلار سەۋەبلىك 2021-يىللىق روبوت دەرسلىرىمىز ئىنتېرنېت ئارقىلىق باشلىنىدىغان بولۇپ، تۈركىيە ياشلار فوندىنىڭ سىلىۋرى شۆبىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىستانبۇلنىڭ سېلىمپاشا رايونىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس باشلىنىدۇ، دەرس 5-ئايغىچە داۋاملىشىدۇ، دەرسنىڭ دەسلەپكى قىسىمى توردا بولىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى ۋابانىڭ كېيىنكى تارقىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق پەيتتىن باشلاپ دەرسىمىز يۈز-تۇرانە داۋاملىشىدۇ، بۇ قېتىمقى دەرس ئىستانبۇلنىڭ سېلىمپاشا رايونىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن چەكلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تورغا ئۇلىنالايدىغان كومپيۇتېرى بولۇشى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىنىدۇ، دەرس ئويۇن خاراكتېرلىك بولۇپ بۇ باسقۇچلۇق تەربىيەلەش 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاياغلىشىدۇ. دەرستە ئوقۇغۇچىلارغا كومپيۇتېر پروگرامما تىللىرىنىڭ ئاساسى ئۆگىتىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئويۇنلىرىنى ياسىيالايدىغان بولىدۇ، روبوت پروگراممىلاشنى ئۆگىنىدۇ. 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن كېيىن يېڭى ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بويىچە داۋام قىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: باشقا يەردىن قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار بۇ دەرس بىلەن پاراللېل باشلىنىدىغان باشقا دەرسلىرىمىز ئۈچۈن كېيىنكى ئېلانلىرىمىزغا دىققەت قىلىڭ.

دەرس باشلاش ۋاقتى: 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى، دۈشەنبە
ئوقۇش ھەققى: ھەقسىز
ئوقۇغۇچى سانى: 10 نەپەر
دەرس شەكلى: توردا (دەسلەپكى مەزگىلدە)
دەرس كۈنلىرى: دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە
دەرس سائەتلىرى: 10:30~12:00 (2-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە)
دەرس سائەتلىرى: 19:30~21:00 (2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن كېيىن)
ياش چەكلىمىسى: 8-17 ياش
تىزىملىتىش ئادرېسى: www.UyghurSTEM.com

كېلىڭ، كىچىككىنە ئۆزگىرىش ئارقىلىق زەنجىرسىمان بىر ئۆزگىرىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرايلى.

 

بۇ دەرسكە تىزىملاش ئاخىرلاشتى، ئاتا-ئانىلارغا قارىتىلغان پىروگرامما تىلى كۇرسى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى بېسىڭ

https://www.uyghurstem.com/online_coding_1/

بىزنى قوللاڭ

كۆپچىلىككە سۇنۇپ كېلىۋاتقان خىزمەتلىرىمىزنى patreon ئارقىلىق ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىيالايسىز.

يېڭى دەرس: 2026-يىللىق UyghurSTEM (شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن) قىش تەتىللىك تەربىيەلەش پروگراممىمىسى

يېڭى دەرس: 2026-يىللىق UyghurSTEM (شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن) قىشلىق تەتىللىك تەربىيەلەش پروگراممىمىسى

دەرس باشلاش ۋاقتى: 2026-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى

دەرسلەر توردا ۋە يۈزتۇرانە بولىدۇ،

يۈزتۇرانە دەرسلەر ھەقسىز بولىدۇ.

توردىكى دەرسكە قاتنىشىدىغان بالىلار نۆل سەۋىيەلىك ياكى يۇقىرى سەۋىيەلىك سىنىپلاردىن بىرىنى تاللاپ قاتناشسا بولىدۇ.

يۈزتۇرانە دەرسلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەن 50 سائەتلىك خالىغان بىر (Scratch, Python, C/C++, Java, JavaScript,..) پروگرامما تىلى دەرسىگە قاتنىشىپ باققان بولۇشىڭىز كېرەك

50 سائەتنى ھېسابلاش ئۇسۇلى: ئەگەر ھەپتىدە بىر قېتىم ۋە بىر سائەت ئۆتۈلىدىغان پروگرامما تىلى دەرسىگە قاتناشقان بولسىڭىزئاز دېگەندە ئۇدا بىر يىل تولۇق قاتناشقان بولۇشىڭىز كېرەك، ئەگەر ھەپتىدە ئىككى سائەت ئۆتۈلىدىغان دەرسكە قاتناشقان بولسىڭىز ئاز دېگەند ە ئالتە ئاي تولۇق قاتناشقان تەجرىبىڭىز بولۇشى كېرەك، ئەگەر ھەپتىدە 10 سائەت ئۆتۈلىدىغان دەرسكە قاتنىشىپ باققان بولسىڭىز، ئاز دېگەندە بەش ھەپتىلىك دەرسكە تولۇق قاتناشقان بولۇشىڭىز كېرەك.
«2026-يىللىق UyghurSTEM (شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن) قىشلىق تەتىللىك تەربىيەلەش پروگراممىمىسى» ناملىق دەرسىمىزگە قاتنىشىشنى خالىسىڭىزبۇ يەرگە بېسىپ تىزىملىتىڭ.