چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مائارىپى ھەققىدە راي سىناش

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مائارىپى ھەققىدە راي سىناش

مەۋجۇدلۇقىمىزنىڭ تۈركۈم ھالىتىدە تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە ئايان، مائارىپىمىزمۇ بۇ كىرزىسنىڭ ئەڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئۇچرىغان ئەجەللىك ساھەلەرنىڭ بىرى. كىرزىسنى كېيىنكىلەرگە مىراس قالدۇرماسلىق ئەۋلادلارنىڭ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى شەرت قىلىدۇ، چەتئەللەردە چوڭ بولۇۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس. ئۇتۇق قازانغان، مۇنەۋۋەر ئۇنىۋېرستېتلارغا قەدەم قويغان ياشلار پارلاق كەلگۈسىمىزنىڭ يىمىرىلمەس ئۇلتېشى بولۇپ قېلىشى، زەنجىرسىمان داۋاملىشىدىغان قار توپى تەسىرىنى يارىتىشى مۇمكىن. ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋە بالىلارنىڭ بۇ توغرىسىدىكى ئويلىرى، ئارزۇلىرى ھەققىدە كىچىك بىر راي سىناپ بېقىشنى ئويلاشتۇق، بۇ راي سىناش جەدىۋىلىدە ھېچقانداق شەخسىي ئۇچۇرىڭىز تەلەپ قىلىنمايدۇ. بىر قانچە مىنۇت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ تولدۇرۇشىڭىزنى، تارقىتىپ قويۇشىڭىزنى سورايمىز.

ئەگەر بۇ جەدىۋەلنى ئاتا-ئانىلار تولدۇرۇۋاتقان بولسا پەرزەنتىنى كۆزدە تۇتۇپ جاۋاب بەرسە بولىدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى مائارىپ ھەققىدە راي سىناش
بۇ راي سىناش جەدىۋىلىنى كىم ئۈچۈن تولدۇرۇۋاتىسىز؟ *
ئوقۇغۇچى *
كومپيۇتېر سەۋىيەسى قانداقراق؟ *
سىز (ياكى پەرزەنتىڭىز) ئۆزلىكىزدىن ئۆگىنەمسىز (ياكى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنەمدۇ)؟
پەرزەنتىڭىز ئۇيغۇرچىنى قانچىلىك دەرىجىدە بىلىدۇ؟
پەرزەنتىڭىز دەرسخانا، كۇرس دېگەندەك تەربىيلەش مەركەزلىرىدە ئوقۇۋاتامدۇ؟
پەرزەنتىڭىزنىڭ (ئۆزىڭىزنىڭ) مەخسۇس تەربىيەلىنىشىنى ئۈمىد قىلامسىز؟ *
پەرزەنتىڭىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئايدا قانچىلىك مەبلەغ سالالايسىز؟ *
ئۇيغۇرچىدىن باشقا قايسى تىللاردا ئالاقە قىلالايسىز؟

يېڭى دەرس: 2026-يىللىق UyghurSTEM (شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن) قىش تەتىللىك تەربىيەلەش پروگراممىمىسى

يېڭى دەرس: 2026-يىللىق UyghurSTEM (شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن) قىشلىق تەتىللىك تەربىيەلەش پروگراممىمىسى

دەرس باشلاش ۋاقتى: 2026-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى

دەرسلەر توردا ۋە يۈزتۇرانە بولىدۇ،

يۈزتۇرانە دەرسلەر ھەقسىز بولىدۇ.

توردىكى دەرسكە قاتنىشىدىغان بالىلار نۆل سەۋىيەلىك ياكى يۇقىرى سەۋىيەلىك سىنىپلاردىن بىرىنى تاللاپ قاتناشسا بولىدۇ.

يۈزتۇرانە دەرسلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەن 50 سائەتلىك خالىغان بىر (Scratch, Python, C/C++, Java, JavaScript,..) پروگرامما تىلى دەرسىگە قاتنىشىپ باققان بولۇشىڭىز كېرەك

50 سائەتنى ھېسابلاش ئۇسۇلى: ئەگەر ھەپتىدە بىر قېتىم ۋە بىر سائەت ئۆتۈلىدىغان پروگرامما تىلى دەرسىگە قاتناشقان بولسىڭىزئاز دېگەندە ئۇدا بىر يىل تولۇق قاتناشقان بولۇشىڭىز كېرەك، ئەگەر ھەپتىدە ئىككى سائەت ئۆتۈلىدىغان دەرسكە قاتناشقان بولسىڭىز ئاز دېگەند ە ئالتە ئاي تولۇق قاتناشقان تەجرىبىڭىز بولۇشى كېرەك، ئەگەر ھەپتىدە 10 سائەت ئۆتۈلىدىغان دەرسكە قاتنىشىپ باققان بولسىڭىز، ئاز دېگەندە بەش ھەپتىلىك دەرسكە تولۇق قاتناشقان بولۇشىڭىز كېرەك.
«2026-يىللىق UyghurSTEM (شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن) قىشلىق تەتىللىك تەربىيەلەش پروگراممىمىسى» ناملىق دەرسىمىزگە قاتنىشىشنى خالىسىڭىزبۇ يەرگە بېسىپ تىزىملىتىڭ.